ياپونىيە بىلەن فىلىپپىن خىتايغا قارشى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى

ياپونىيە بىلەن فىلىپپىن خىتاينىڭ رايوندىكى چېكىدىن ئاشقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قارشى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى يەنە بىر قەدەم كۈچەيتتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە بىلەن فىلىپپىننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى 7-ئاپرېل بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئىككى دۆلەت بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى كېڭەيتىشكە قوشۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر ئىككى دۆلەت خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى نوبۇ كىشى ۋە فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دېلفىن لورېنزانا ئۇچرىشىشتا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە ئۇنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتىنى قورال كۈچى بىلەن ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش قىلمىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە خىتاينىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان ھالدا بايانات ئېلان قىلغان.

ئۇچرىشىشتا نوبۇ كىشى بىلەن لورېنزانا ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ۋە تېخنىكىلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە قوشۇلغان. ياپونىيە بىلەن فىلىپپىن 2020-يىلىمۇ ياپونىيەنىڭ فىلىپپىن ئارمىيەسىگە ھاۋا رادار سىستېمىسى ئېكسپورت قىلىشى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولۇپ، ياپونىيەگە نىسبەتەن خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىرىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، فىلىپپىن گېئوپولىتىكىلىق شارائىت جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەشكە باشلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ياپونىيە ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان، فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق ھەمكارلىق ئورناتقان دۆلەتلەر بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنى كۆرۈنەرلىك كېڭەيتكەن. مەزكۇر دۆلەتلەر ياپونىيەگە ئوخشاش خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئاۋات دېڭىز يولى ھېسابلىنىدىغان مەزكۇر رايوندىكى زېمىن تەلىپىگە قارىتا ئەندىشىسىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ياپونىيە خىتاي ئارمىيەسى ۋە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچى ئەترىتىنىڭ رايوندىكى ھەرىكىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كەلگەن.

خىتاي ئىزچىل ھالدا ياپونىيە كونتروللۇقىدىكى سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئۆز زېمىنى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ كەلمەكتە. ئۇندىن باشقا ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ Y-9 تىپلىق ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ساكىشىما ئارىلىدا ئۇچۇۋاتقانلىقىنى بايقىغانلىقىنى، ئەمما ياپونىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە بۆسۈپ كىرمىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان خىتاي، فىلىپپىن، ۋىيېتنام، تەيۋەن، مالايشىيا ۋە بىرونېنىڭ دېڭىز تېررىتورىيەسى مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىشى كۈنسېرى كەسكىنلەشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1111 قېتىم كۆرۈلدى
09/04/2022 15:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق