شەرقىي تۈركىستاندا يەنە ئىككى يۇقۇملانغۇچى بايقالدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە كومىتېتى» 9-ئاپرېل خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن ئىككى كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ئالدىنقى بىر كۈن ئىچىدە ئىككى كىشىگە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى، دەپ دىياگنوز قويۇلغان بولۇپ، ئۇلار بىلەن ئۇچراشقان كىشىلەر ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىشكە باشلىغان.

8-ئاپرېل سائەت 24:00 گىچە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار جەمئىي ئىككى بولۇپ، ھەر ئىككىسى ئۈرۈمچىدە بايقالغان. مەزكۇر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش ئورنىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقالغان. نۆۋەتتە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار جەمئىي 53 بولۇپ، ئۇلار ئىچىدىكى 21 بىمار ئۈرۈمچىدە، 2 بىمار كورلا شەھىرىدە، 23 بىمار خوشۇت ناھىيەسىدە، 7 بىمار سانجى شەھىرىدە ئىكەن.

بۇندىن ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئۈرۈمچى سايباغ رايونىدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بىر بىمار بايقالغانلىقى باھانىسى بىلەن، قىسمەن رايونلارنى يېپىق كونترول قىلىش رايونى، كونترول قىلىش رايونى ۋە ئالدىنى ئېلىش رايونىغا بۆلۈپ قامال قىلغانلىقى، جۈملىدىن سايباغ رايونىدىكى  كۆپلىگەن مەھەللىلەرنىڭ قامال دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغانىدى. نۆۋەتتە بەزى رايونلاردا دائىرىلەر تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئۆزلىرى يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، خەلقنىڭ سىرتقا چىقىشىنى چەكلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشاش «ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش» باھانىسى بىلەن، تۈرلۈك قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندا كونتروللۇقنى ۋە باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى كۆپلىگەن مەھەللىلەرنىڭ قامال قىلىنغانلىقىغا ئوخشاش، چېكىدىن ئاشقان تەدبىرلەرنى قايتىدىن كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1577 قېتىم كۆرۈلدى
09/04/2022 14:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق