خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرى كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق  جىنايىتىنى پاش قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرى مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋە ئاتالمىش «ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەش» نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلاشتەك رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن، جىنايەتلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» ھەققىدە ئاشكارا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىغا قارشى 8-ئاپرېل شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار يەنە بىر قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

سىن ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىپ، خەلقىنىڭ پاراۋانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكى، خەلقنىڭ باياشات ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى كونا ئىبارىلىرىنى قايتىدىن تەكرارلىغان.

يىغىنغا يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاممىسىمۇ قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، مەلۇم زاۋۇت-كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقانلىقى دەۋا قىلىنغان مەزكۇر ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئارقىلىق تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ياخشىلىغانلىقى، كۈنلىرىنىڭ باياشات، خاتىرجەم ئۆتۈۋاتقانلىقى ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلانغان.

ئۇندىن باشقا يەنە بىر قىسىم ئاتالمىش مۇتەخەسسىسلەر يىغىندا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ئويۇنى ئىكەنلىكى، مەقسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇقىملىقىنى ۋە خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بىر تەرەپتىن يالغان دەلىل-ئىسپات ئويدۇرۇپ چىقىش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندا ئۆزى ئىنكار قىلىۋاتقان جىنايەتلەرنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ ساختىپەزلىكنى پاش قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى داۋاملىق خەلقئاراغا بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1565 قېتىم كۆرۈلدى
09/04/2022 13:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق