گېرمانىيە پۇتىن بىلەن لاۋروفقا قارشى ئۇرۇش جىنايىتى سوتى قۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى

گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فىرانك ۋولتېر سىتېنمېيىر رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروفقا قارشى ئۇرۇش جىنايىتى سوت كوللېگىيەسى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

سىتېنمېيىر گېرمانىيە «ئەينەك خەۋەرلىرى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىقى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن باشقا، بۇ جىنايەتلەرگە مەسئۇل كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى، ئەسكەرلەرنى، ھەربىي قوماندانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق شەخسلەرنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە ئۇكرائىنا رۇسىيەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەۋاتقان بولۇپ، كىرېمل سارىيى سەيشەنبە بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ: «غەربنىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىنى ئۇكرائىنانىڭ بۇچا بازىرىدا پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەنلىك بىلەن ئەيىبلىشى رۇسىيە ئارمىيەسىنى كەمسىتىش ۋە غەربنىڭ يېڭى جازاسىنى ئاقلاشنى مەقسەت قىلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان توقۇلمىلار» دېگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 884 قېتىم كۆرۈلدى
09/04/2022 12:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق