ب د ت رۇسىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ئەزالىق سالاھىيىتىنى توختاتتى

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى رۇسىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ئەزالىق سالاھىيىتىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي بۇ قېتىممۇ رۇسىيە تەرەپتە تۇرۇپ، قارشى ئاۋاز بەردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى 7-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى سەۋەبلىك، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ئەزالىق سالاھىيىتىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان.

ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان مەزكۇر قارار لايىھەسىگە 93 دۆلەت قوللاپ ئاۋاز بەرگەن، 24 دۆلەت قارشى ئاۋاز بەرگەن. 58 دۆلەت ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن. خىتاي بۇ قېتىممۇ رۇسىيە تەرەپتە تۇرغان بولۇپ، قارشى ئاۋاز بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ئەزالىق سالاھىيىتىنى ۋاقىتلىق بىكار قىلىش ئۈچۈن، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە ئەزا 193 دۆلەتنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى قوللاپ ئاۋاز بېرىشى كېرەك ئىكەن، ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلەر ھېسابلانمايدىكەن. نەتىجىدە مەزكۇر قارار ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن.

خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى جاڭ جۈن بېلەت تاشلاشتىن ئىلگىرى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ئومۇمىي كېڭەشنىڭ بۇنداق ئالدىراپ-تېنەپ ھەرىكەت قىلىشى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تاللاشقا مەجبۇرلايدۇ، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى كۈچەيتىۋېتىدۇ ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. بۇ ئوت ئۈستىگە ماي چاچقانلىق» دەپ جار سالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ رۇسىيە ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرگەندىن بۇيان ماقۇللىغان ئۈچىنچى قارارى ئىكەن. ئالدىنقى ئىككى قارار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 141 ۋە 140 ئاۋازغا ئېرىشكەن بولۇپ، خىتاي ھەر ئىككى قېتىم ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 985 قېتىم كۆرۈلدى
08/04/2022 15:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق