ماركو رۇبىيو ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنە بىر قانۇن لايىھەسى سۇندى

كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قوللىشىنى مەقسەت قىلغان «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى سۇندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو 7-ئاپرېل ئوتتۇرىغا قويغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى، ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى ۋە كىملىكىنى قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

رۇبىيو بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان مىللەت توپىغا كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان دەرىجىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە ۋە ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلماقتا. ئامېرىكا بۇ خىل قورقۇنچلۇق زىيانكەشلىكلەر ئالدىدا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك» دېگەن.

ماركو رۇبىيو 2020-يىلى قانۇنغا ئايلانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» ۋە 2021-يىلى 12-ئايدا قانۇنغا ئايلانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نىڭ ئوتتۇرىغا قويغۇچىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىم سۇنۇلغان «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ئامېرىكا باياناتچىلىرى پىلان تۈرىگە كىرگۈزۈشىگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر باشتىن كەچۈرۈۋاتقان باستۇرۇشنى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەردىكى ئاممىۋى دىپلوماتىيە مۇنبەرلىرىدە تىلغا ئېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىكەن. شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنى ب د ت دا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتكە قارشى تۇرۇشقا بۇيرۇيدىكەن.

بۇ قانۇن لايىھەسى يەنە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئىستراتېگىيە بەلگىلەپ، خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا كىرىش ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىدىكەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنى ئۇيغۇر تىلى كۇرسلىرى بىلەن تەمىنلەش، خىتاي، تۈركىيە ۋە باشقا ئۇيغۇرلار بار دۆلەتلەردىكى ھەر قايسى دىپلوماتىيە ۋە كونسۇل خىزمەت گۇرۇپپىلىرىدا ئۇيغۇر تىلى بىلىدىغان كەم دېگەندە بىر دىپلوماتىيە خادىمى تەيىنلەپ چىقىش تەلەپ قىلىنغان.

بۇلتۇر 7-ئايدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى كىم يۇڭئوك ۋە ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەش گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئامى بېرا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بۇ قانۇن لايىھەسى بۇلتۇر 9-ئايدا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا ماقۇللانغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1291 قېتىم كۆرۈلدى
08/04/2022 14:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق