كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 6-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يولغا قويغان قاتتىق كونتروللۇق جەريانىدا، خەلقنىڭ داۋالىنىش ھوقۇقى ۋە ئېھتىياجىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، شاڭخەي دائىرىلىرى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يولغا قويغان قاتتىق قامال قىلىش تەدبىرلىرى كىشىلەرنىڭ داۋالىنىش، يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرگە ئېرىشىشىگە توسالغۇ بولغان. ۋىرۇس بىلەن مۇناسىۋەتسىز كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن داۋالىنىشنى تەلەپ قىلغان بىمارلارنىڭ داۋالىنىش تەلىپى رەت قىلىنغانلىقتىن، ئۆلۈپ كەتكەنلەرمۇ بولغان. خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى داۋامىدا، تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان بىمارلار دوختۇرخانا ياكى تېببىي كۆزىتىلىش مەركەزلىرىگە مەجبۇرىي ئاپىرىلىپ، ئايرىپ كۆزىتىلگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان بەزى بوۋاقلار ۋە كىچىك بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىپ، تېببىي كۆزىتىش مەركىزىگە يىغىۋېلىنغان.
باياناتتا دېيىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كونترول قىلىشى ۋە نازارەت قىلىشى خەلقنىڭ يۇقۇم ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. خىتاينىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى كەسكىن تەدبىرلىرى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانمىغان، ئەمما باشقا ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنى داۋالىنىشتىن مەھرۇم قىلغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شاڭخەي دائىرىلىرى 3-ئاپرېل مىڭلىغان ھەربىي تېببىي خادىملارنى ئەۋەتىپ، 25 مىليوندىن ئارتۇق پۇقرانى مەجبۇرىي تەكشۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 4-ئاپرېلغا كەلگەندە شەھەرنىڭ تاقىلىش ۋاقتىنىڭ مۇددەتسىز ئۇزارتىلغانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىدىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. سىرتقا چىقىش چەكلەنگەنلىكى سەۋەبلىك، بىر خىتاي ئايال قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەن قىزىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش ئۈچۈن، بىنادىن ئۆزىنى تاشلىۋالىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان ۋەقەلەر يۈز بەرگەن.
نۆۋەتتە شاڭخەيدە داۋاملىشىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك قامالنىڭ خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئەمەس، بەلكى خىتايدىكى ئىچكى زىددىيەت ۋە ھاكىمىيەت تالىشىش سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئانالىزلارمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ