خىتاي ھاۋا تىرانسپورتى ئارقىلىق بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى كۈچەيتىشنى پىلانلىماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھاۋا تىرانسپورت قۇرۇلۇشىغا يەنە 450 مىليون يۈەن خىراجەت ئاجراتقان بولۇپ، ھاۋا قاتنىشىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى پىلانلىماقتا.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 6-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى» شەرقىي تۈركىستاننىڭ 2022-يىللىق ئاۋىياتسىيە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 450 مىليون يۈەن خىراجەت ئاجرىتىشنى پىلانلىغان. مەزكۇر خىراجەت بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمىنى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى قىلىپ ئۆزگەرتىشكە ۋە شەرقىي جۇڭغار ئايرودۇرۇمى تۈر قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىكەن.

خەۋەردە مەزكۇر خىراجەتنىڭ خىتاي مۇداپىئە خەۋپسىزلىكىنى مۇستەھكەملەش، رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى 2011-يىلى باشلانغان بولۇپ، 2014-يىلى 6-ئايدا يولۇچىلار قاتناش ئايرودۇرۇمىدىن تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىغا ئۆزگەرتىلگەن. 2022-يىلى 3-ئايدا «بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمى» دەپ نام بېرىلگەن. ئايرودۇرۇمنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 3500 كىۋادرات مېتىر، ئۇچۇش يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3000 مېتىر بولۇپ، ھەر يىلى 250 مىڭ يولۇچى، 500 توننا يۈك ۋە پوچتا يوللانمىسى توشۇش پىلانلانغان. خىتاي بۇ يىل مەزكۇر ئايرودۇرۇمنىڭ تىرانسپورت بۆلىكىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرلۈك بايلىقلىرىنى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدىغان ھاۋا تىرانسپورت لىنىيەسىنى تېخىمۇ كۆپەيتىشكە ئۇرۇنغان.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، زور تۈركۈمدىكى ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىش بىلەن بىرگە، ئورنىغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرۈشنى تېزلەتمەكتە. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھاۋا قاتنىشى، تۆمۈر يول ۋە تاشيوللىرىنى خىتايغا كەڭ-كۆلەمدە تۇتاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرلۈك بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1575 قېتىم كۆرۈلدى
08/04/2022 14:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق