ئامېرىكا ئالىي ئەمەلدارىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ئەگەر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسى پېلوسى تەيۋەننى زىيارەت قىلىدىكەن، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىمىز» دەپ جار سالدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر قىسىم ئاخبارات ئورگانلىرى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلماقچى بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان. ئۇ باياناتىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىش پىلانىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر نەنسى پېلوسى تەيۋەننى زىيارەت قىلسا، خىتاينىڭ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
جاۋ لىجيەن باياناتىدا: «خىتاي ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھەر قانداق يوسۇندا رەسمىي ئالاقە قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئەگەر نەنسى پېلوسى تەيۋەننى زىيارەت قىلسا، بىر خىتاي سىياسىتىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. خىتاي بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» دەپ جار سالغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسى پېلوسى بۇ ھەپتە ياپونىيەنى زىيارەت قىلىدىغان بولۇپ، ياپونىيە زىيارىتىدىن كېيىن كورىيەنى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغان. ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نەنسى پېلوسى كورىيە سەپىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولۇپ، 10-ئاپرېل تەيۋەنگە زىيارەتكە بارىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ