شەرقىي تۈركىستاندا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بىماردىن تۆتى كۆپەيدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە كومىتېتى» 6-ئاپرېل خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن تۆت كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ئالدىنقى بىر كۈن ئىچىدە تۆت كىشىگە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى، دەپ دىياگنوز قويۇلغان بولۇپ، ئۇلار بىلەن ئۇچراشقان كىشىلەر ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىشكە باشلىغان.

6-ئاپرېل سائەت 24:00 گىچە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار جەمئىي ئىككى بولۇپ، ھەر ئىككىسى ئۈرۈمچىدە ئىكەن. كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار جەمئىي 51 بولۇپ، ئۇلار ئىچىدىكى 19 بىمار ئۈرۈمچىدە، ئىككى بىمار كورلا شەھىرىدە، 23 بىمار خوشۇت ناھىيەسىدە، يەتتە بىمار سانجى شەھىرىدە ئىكەن.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 4-ئاپرېل ئۈرۈمچى سايباغ رايونىدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بىر بىمار بايقالغانلىقى باھانىسى بىلەن، قىسمەن رايونلارنى يېپىق كونترول قىلىش رايونى، كونترول قىلىش رايونى ۋە ئالدىنى ئېلىش رايونىغا بۆلۈپ قامال قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە سايباغ رايونىدىكى  كۆپلىگەن مەھەللىلەر قامال قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشاش «ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش» باھانىسى بىلەن، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندا كونتروللۇقنى ۋە باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى سايباغ رايونىدىكى كۆپلىگەن مەھەللىلەرنىڭمۇ قامال قىلغانلىقى بۇنىڭ ئەمەلىي مىساللىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1598 قېتىم كۆرۈلدى
07/04/2022 12:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق