خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا پاختا بازىسىغا زور خىراجەت ئاجراتتى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى سەۋەبلىك بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ بىر قىسىم پاختا شىركەتلىرى زىيان تارتقان ھەتتا ۋەيران بولغانىدى. بۇ خىل ۋەزىيەت ئاستىدا خىتاي رېجىمى يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى پاختا ۋە سېرىق پۇرچاق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، 700 مىليون يۈەندىن ئارتۇق خىراجەت ئاجراتقان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 5-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى» شەرقىي تۈركىستاندىكى پاختا بازىسى، سېرىق پۇرچاق بازىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 706 مىليون يۈەن سېلىنما ئاجراتقان. بىلدۈرۈلۈشىچە، يۇقىرىقى خىراجەت شەرقىي تۈركىستاندا 40 مىڭ گېكتار پاختا بازىسى، 3300 گېكتاردىن ئارتۇق سېرىق پۇرچاق بازىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

خەۋەردە مەزكۇر تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختا بازىسى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى (2021-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە)»غا ئاساسەن يولغا قويۇلغانلىقى، بۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى پاختا ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خىتاينىڭ پاختا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەر يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ پايدىلىنىۋاتقان خىتاي رېجىمىنىڭ مەزكۇر خىراجەت ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھىت ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىش ھەمدە ۋەيران بولغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1735 قېتىم كۆرۈلدى
07/04/2022 12:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق