پاكىستاندىكى خىتايپەرەس بىر ئۇچۇم ئۇيغۇرلار تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن يەرلىك ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى زەھەرلەشكە ئۇرۇنماقتا.
4-ئاپرېل پاكىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان خىتاي جەمئىيەتلىرىدىن «سابىق خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» بىلەن «پاكىستان خىتاي كۆچمەنلىرى جەمئىيىتى» پاكىستاننىڭ گىلگېت ئۆلكىسى بالتىستان رايونىدا خىتايلارنىڭ قەبرىلىرىگە گۈلچەمبىرەك قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتكە خىتايپەرەس ئۇيغۇرلارنىڭ باشچىلىقىدا قىسمەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى قاتناشتۇرۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستاننىڭ گىلگېت ئۆلكىسىدە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئۆلگەن 80 گە يېقىن خىتاينىڭ قەبرىسى بار بولۇپ، بۇ خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەردىن گىلگېتقا تۇتىشىدىغان يول ياساش قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان. پاكىستاندىكى خىتاي جەمئىيەتلىرى ھەر يىلى 4-ئاپرېل مەزكۇر خىتايلارنىڭ قەبرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە مەزكۇر خىتاي جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەزالىرى بۇ خىتايلارنى «يول ياساش داۋامىدا ئۆلۈپ كەتكەن، ئۇلارنى شېھىت دېيىشكە بولىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان ھەمدە ئۇلارغا دۇئا قىلىپ، ئىسلام دىنىدىكى ئۇلۇغ مەرتىۋە ھېسابلىنىدىغان «شېھىت» ئۇقۇمىغا ھاقارەت قىلغان.
پائالىيەتكە مەزكۇر جەمئىيەتلەردە ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان خىتايپەرەس ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن باشقا، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان. پائالىيەتتە يەنە: «مەزكۇر خىتايلار خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئاچتى. ئۇلار بولمىغان بولسا خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى بۈگۈنكىدەك ياخشى بولمىغان بولاتتى» دەپ جار سېلىنغان ۋە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى خىتايلارنىڭ قەبرىسىگە دۇئا قىلىشقا بۇيرۇلغان.
ئۇندىن باشقا پائالىيەتتە يەنە خىتاي ئەلچىخانىسى مەزكۇر خىتايپەرەس ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئۇن، گۈرۈچ قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى تارقىتىپ، كۆز بويامچىلىق قىلغان.
پاكىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقفى رەئىسى ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى پۇل بېرىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتاي قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشقا چىقارغان بولۇپ، خىتاينىڭ پاكىستاندىكى قولچوماقلىرى مەزكۇر ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇشقا ئۇرۇنغان.
ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندى بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پاكىستاندا ئەھۋالنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقفى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىن ئېلىش مەقسىتىدە «ئۇيغۇر ئانا تىل يەسلى» قۇرۇپ، ئۇلارنى تەربىيەلەشكە تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتايپەرەس ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى خىتايغا ئەۋەتىپ ئوقۇتقاندىن باشقا، پاكىستاندا خىتاي تىلى يەسلىسى ۋە مەكتەپلىرىنى ئېچىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇپ تەربىيەلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ