خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار كۆپەيگەنلىكتىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دائىرىلەر 15 ئۆلكە ۋە شەھەردىن تۈمەنلىگەن داۋالاش خادىملىرىنىڭ شاڭخەيگە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شاڭخەي دائىرىلىرى ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىگەن ئەھۋالدا 28-مارتتىن باشلاپ 25 مىليون ئاھالىسى بار بۇ چوڭ شەھەرنى تاقىغان. خىتاينىڭ يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش پىلانىغا ئاساسەن، شاڭخەي بىر كېچىدىلا قامال قىلىنغان. داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆپ بولغان شاڭخەينىڭ داۋالاش ياردىمىگە موھتاج بولۇپ قېلىشى كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا «خىتاينىڭ شاڭخەينى تاقاش مەسىلىسىدە بىر سىياسىي ھەرىكەت بولۇشى مۇمكىن» دېگەن گۇماننى پەيدا قىلغان. تېخىمۇ غەلىتە يېرى شۇكى، شاڭخەي ھازىرغىچە خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلمىغان.
خىتاي سەيشىن تورىنىڭ 2-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پەقەت شاڭخەي دۇڭخەي ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىكى پۇدوڭ دەپنە مەيدانىغىلا ئون نەچچە جەسەت ئەۋەتىلگەن. ئۇندىن باشقا يەنە نامەلۇم جەسەتلەر نەنخۈي دەپنە مۇراسىمى مەيدانىغا ئەۋەتىلگەن. ئەمما بۇ خەۋەر تور بەتتىن تېزلا ئۆچۈرۈلگەن.
ب ب س نىڭ 2-ئاپرېل شاڭخەيدىن بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بىر سېسترا مۇخبىرغا ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى مەزكۇر دوختۇرخانىدا تۇنجى قېتىم خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنە بىر جىددىي قۇتقۇزۇش خادىمى ئۆزىنىڭ بىر بىمارنىڭ خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئۆلگەنلىكىنى كۆرگەنلىكىنى، ئۇندىن باشقا يەنە بىر خىزمەتدىشىنىڭ باشقا بىر بىمارنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شاڭخەيدە 200 دەك بالا ئاتا- ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىپ، باشقا بىر جايغا يىغىپ كۆزىتىلگەن بولۇپ، بالىلارغا قارايدىغان سېسترالارنىڭ سانىمۇ چەكلىك ئىكەن. بالىلار ھەر دائىم ئېچىنىشلىق يىغلايدىغان بولۇپ، بۇيرۇق سەۋەبلىك سېسترالارمۇ بالىلارنى ئاتا-ئانىسىغا بېرىشكە ئامالسىز قالغان.
يەنە بىر شاڭخەيلىك 3-مارت ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا بىر ياشقا توشمىغان قىزىنىڭ ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى سۆزلەپ: «بالام بىر ياش، تېخى ماڭالمايدۇ، تېخى سۈتتىن ئايرىلمىغانىدى. سىلەرنىڭ ئىنسانىيلىقىڭلارنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى ھەقىقەتەن بىلەلمىدىم؟» دەپ يازغان.
شاڭخەي خىتاي بويىچە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئەڭ مول شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، شاڭخەينىڭ ئىقتىسادى خىتاي ئۈچۈن مۇھىم بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان شەھەرلەرنىڭ بىرى. خىتاي بۇ شەھەردە تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللانماقچى بولغان. ئەمما ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر قىسىم كىشىلەر دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان ئادىمىيلىككە يات قىلمىشلار شاڭخەيدە يۈز بەرمەكتە، دېيىشكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ