شەرقىي تۈركىستاندا يەنە توققۇز يۇقۇملانغۇچى كۆپەيدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە كومىتېتى» 4-ئاپرېل خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن توققۇز كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى بىر كۈن ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا بىر كىشىگە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى، دەپ دىياگنوز قويۇلغان، سەككىز كىشىگە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى، دەپ دىياگنوز قويۇلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۆت بىمار ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىشكە باشلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 4-ئاپرېل سائەت 24:00 گىچە شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن بىر كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان بولۇپ، مەزكۇر بىمار 1-ئاپرېل شاڭخەيدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان Z41 نۆۋەتچى پويىزى بىلەن كەلگەن. ئۇ خىتايدىن كېلىش سەپىرىدە پويىزدا ئۇچراشقان باشقا بىر نەچچە خىتايغا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى، دەپ دىياگنوز قويۇلغان.

بىر كۈن ئىچىدە يېڭىدىن بايقالغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بىمار سەككىز بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەش بىمار ئۈرۈمچىنىڭ گاۋشىن رايونىدا بايقالغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن خىتاي ئاققۇنلىرى ئىكەن.

ئۇندىن باشقا ئۈرۈمچى سايباغ رايونىدا بىر كىشى، كورلىدا بىر كىشى ۋە سانجى شەھىرىدە بىر كىشىگە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى، دەپ دىياگنوز قويۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئومۇميۈزلۈك ساغلاملىق تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۈرۈمچىدىكى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ئىككى يۇقۇملانغۇچى ۋە خوشۇت ناھىيەسىدىكى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ئىككى يۇقۇملانغۇچى تېببىي كۆزىتىلىش ئورنىدىن ئايرىلغان.

4-ئاپرېل سائەت 24 گىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار جەمئىي ئۈچ كىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بايقالغان. كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 56سى بار بولۇپ، 11ى ئۈرۈمچىدە، 39ى كورلىدا، ئالتىسى سانجىدا ئىكەن. نۆۋەتتە بىمارلار بىلەن يېقىن ئالاقە قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىشكە باشلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قاتتىق كونترول قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئالدىنقى يىللاردىمۇ «ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش» باھانىسى بىلەن، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندا كونتروللۇقنى ۋە باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى، نۆۋەتتە ۋىرۇس مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، باستۇرۇش، قامال قىلىش ۋە نازارەت قىلىشنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1756 قېتىم كۆرۈلدى
05/04/2022 14:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق