خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 4-ئاپرېل ئورگان تور بېتىدە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىنى 13 ياشلىق ئۇيغۇر قىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ئۇيغۇرنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى ۋە ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە، جازا لاگېرىغا قامىلىش ۋە قىيىن-قىستاققا ئېلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر چاقىرىقتا قەيت قىلىنىشىچە، بۇخەلچەم ئابدۇللاھ ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايال 13 ياشلىق قىزى بىلەن 30-مارت مەككە ئەتراپىدا سەئۇدى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. بۇخەلچەم ئابدۇللاھ سەئۇدى دائىرىلىرى تەرىپىدىن 2020-يىل 11-ئايدىن بېرى سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان نۇرمۇھەممەد روزىنىڭ بۇرۇنقى ئايالى ئىكەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىغا مەسئۇل باش ئەمەلدارى لىن مالوف: «13 ياشلىق ئۆسمۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ تۆت كىشىنى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، باستۇرۇش، قىيىن-قىستاققا ئېلىش قاتارلىقلارنى ئىجرا قىلىۋاتقان خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش خەلقئارا قانۇنغا دەرىجىدىن تاشقىرى خىلاپ» دېگەن.
ئۇ بۇ ھەقتە يەنە: «تۆت ئۇيغۇرنى بۇ ھالاكەتلىك ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن قۇتۇلدۇرۇش پۇرسىتى قولدىن كېتىش ئالدىدا. شۇڭا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار باشقا ھۆكۈمەتلەرمۇ بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ، رىياد دائىرىلىرىنى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قىلمىشىنى توختىتىشقا چاقىرىشى كېرەك» دېگەن.
چاقىرىقتا يەنە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداشلىرى بولغان ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا قەستەن پىسەنت قىلمايدىغان ئىشلارغا قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. سەئۇدى ئەرەبىستان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «قىيىن-قىستاققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى»نىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھېچكىمنى قىيىن-قىستاق ياكى باشقا رەھىمسىز، ھاقارەت خاراكتېرلىك مۇئامىلە خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغان جايلارغا قايتۇرماسلىق مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇخەلچەم ئابدۇللاھ ئىلگىرى يولدىشى نۇرمۇھەممەد روزى بىلەن يانفون ئالاقىسىنى ساقلاپ كەلگەن. ئۇ نۇرمۇھەممەد روزى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 20-مارت ئالاقىلاشقان. ئەينى ۋاقىتتا نۇرمۇھەممەد روزى ئۆزى ۋە ھەمدۇللاھ ۋەلىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىگە «خىتايغا قايتۇرۇلغۇچە، بۇ يەردە ئۆلۈشنى خالايدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.
ھەمدۇللاھ ۋەلى 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ھەج قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بارغان بولۇپ، كېيىن خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك يول تاقىلىپ قالغاچقا، تۈركىيەگە قايتىپ كېلەلمىگەن. سەئۇدى ئەرەبىستان ساقچىلىرى 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ھەمدۇللاھ ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنى تۇرۇۋاتقان ئۆيىدىن تۇتۇپ كەتكەن. گەرچە ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامىتى بار بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر سەئۇدى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىگۇناھ تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ