تىۋىتتېر شىركىتى يېقىندا خىتاي رېجىمىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بولغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئورگان تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇلىنىشى بولغان بارلىق تىۋىتتېر ئۇچۇرلىرىغا يېڭى ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قويغان. تىۋىتتېر ئابۇنىتلىرى بۇ خىل ئۇچۇرلارنى ئوقۇغان ۋە قايتا ھەمبەھرىلىگەندە ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىق جەزملەشتۈرۈش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىدىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 3-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تىۋىتتېر شىركىتى خىتاي رېجىمىنىڭ چەت ئەلدىكى يالغان تەشۋىقات ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە، خىتاينىڭ ئورگان تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇچۇر-مەزمۇنلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قوشقان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ئورگان تاراتقۇلىرىغا قويۇلغان «خەۋىرىڭىز بولسۇن» ناملىق ئاپېلسىن رەڭلىك ئۈندەش بەلگىسى قويۇلغان ئاگاھلاندۇرۇش خەتكۈچىگە «بۇ ئۇچۇر خىتاي ئورگان تاراتقۇلىرىنىڭ تور بېتىگە ئۇلىنىدۇ» دەپ يېزىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ تىۋىتتېر شىركىتىنىڭ رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن دۆلەتلەرنىڭ ئورگان تاراتقۇلىرىغا قارشى يولغا قويغان تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا تىۋىتتېر رۇسىيەنىڭ دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇلانمىسى بولغان بارلىق تىۋىتتېر ئۇچۇرلىرىغا بۇ خىل بەلگىنى قويغان.
تىۋىتتېر شىركىتىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە: «بىز بىر نەچچە يىلدىن بۇيان رۇسىيە ۋە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئورگان تاراتقۇلىرىغا بەلگە قويۇپ، ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتىنىڭ تەسىرىنى تۆۋەنلەتتۇق. بىزنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىمىز ئاممىغا مەزكۇر دۆلەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۇچۇرلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشلىرىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. بىز كىشىلەرنىڭ مەلۇم تىۋىتتېر ھېسابلىرىنىڭ مەلۇم دۆلەتلەر بىلەن بولغان تەۋەلىك مۇناسىۋىتىنى بىلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بېرى بىر قىسىم تىۋىتتېر ئىشلەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئورگان تاراتقۇ ھېسابلىرىغا ئۇلىنىدىغان مەزمۇنلارنى تارقاتقان ھامان، تىۋىتتېرنىڭ ئاستىدا ئاپتوماتىك ھالدا بىر بەلگە پەيدا بولغانلىقىنى، بەلگىدە مەزكۇر تور بېكەتلەرنىڭ خىتاي رېجىمى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى بايقىغان. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ تەكشۈرۈپ كۆرۈشىچە، مۇتلەق كۆپ ساندىكى خىتاينىڭ ئورگان تاراتقۇلىرىنىڭ تور بېكەتلىرى تىۋىتتېرنىڭ چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇ «خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى» (CGTN)، «شىنخۇا ئاگېنتلىقى»، «خىتاي خەلق گېزىتى»، «خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقى»، «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»، «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خىتاي تەشۋىقاتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تىۋىتتېر ئۇچۇرلىرىغا بەلگە قويۇلغاندىن سىرت، ئىشلەتكۈچىلەر بۇ خىل ئۇچۇرلارنى ياقتۇرماقچى، ھەمبەھرىلىمەكچى ياكى ساقلىماقچى بولغاندا بىر ئاگاھلاندۇرۇش پەيدا بولۇپ، تىۋىتتېر ئىشلەتكۈچىلىرىگە بۇ تور بېكەتلەرنىڭ تەۋەلىك مۇناسىۋىتى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىلىدىكەن.
تىۋىتتېر ئالدىنقى ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى بىر ئاشكارا يازمىسىدا: «بىز كونترول قىلىش ئارقىلىق ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولدى. مەزكۇر دۆلەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننىڭ تەسىرىنى %30 تۆۋەنلەتتۇق» دەپ يازغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن. خىتاينىڭ ئورگان تاراتقۇلىرى رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش تەشۋىقاتىنى تارقىتىشقا ياردەم بېرىپ كەلگەن. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ: «تىۋىتتېرنىڭ يېڭى بىر قاتار تەدبىرلىرى خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ تەسىرىنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىدۇ، ئەمما خىتاي باشقا ئۇسۇللار بىلەن تىۋىتتېردا تەشۋىقاتىنى داۋاملىق تارقىتالايدۇ» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ