ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا خىتاي ئاققۇنلىرى سەۋەبچى بولغان

يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى قايتىدىن تارقىلىپ، خىتاي دائىرىلىرى ھەرقايسى رايونلاردا كونتروللۇق كۈچەيتكەنىدى. يېقىنقى خەۋەرلەردىن ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ خىتاي ئاققۇنلىرى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستانغا ئېلىپ كىرىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئاخبارات ئىشخانىسى 2-ئاپرېل ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان. يىغىنىدا ئاشكارىلىنىشىچە، 2-ئاپرېل سائەت 19:00 غىچە شەرقىي تۈركىستاندا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يۇقۇملانغۇچى بىر، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 44 ئىكەن. بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالى دەسلەپكى قەدەمدە خوشۇت ناھىيەسىدىكى چۈەنشو كانىدا بايقالغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەن خىتاي ئاققۇنلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۇقۇملىنىپ، ۋىرۇسنى كان رايونىغا ئېلىپ كىرىشى نەتىجىسىدە باشقىلارنىمۇ يۇقۇملاندۇرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى خوشۇت ناھىيەسىگە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق جايلاردىمۇ يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن كونتروللۇقنى كۈچەيتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يۇقۇملانغۇچى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار بېكىتىلگەن داۋالاش ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. يۇقۇملانغۇچى بىلەن يېقىن ئۇچراشقان ياكى ئالاقە قىلغان كىشىلەر تېببىي كۆزىتىلىشكە باشلىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1595 قېتىم كۆرۈلدى
04/04/2022 14:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق