بېرما تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلدى

بېرما تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالدىنقى جۈمە خىتاينى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مەزكۇر زىيارەت بېرما ھەربىي رېجىمىنىڭ خەلقئارادا يېتىم قالغاندىن كېيىنكى بىر قېتىملىق ئاز ئۇچرايدىغان دىپلوماتىيە سەپىرى دەپ قارالغان. بۇلتۇر 1-فېۋرالدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئاڭسان سۇكى ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كېيىن، بېرمىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىمسىزلىقى خىتاينى ئەندىشىگە سالغان. ئون يىللىق ئاجىز دېموكراتىك ئىسلاھاتنى يولغا قويغان ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلغاندىن بۇيان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا داۋالغۇش ئىچىدە قالغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان تورى بۇ ھەقتە خەۋەر تارقىتىپ: «مەيلى قانداق ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاي بېرمىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدۇ ھەمدە بېرما بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ» دېگەن. ئۇندىن باشقا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى جۈمە كۈنى يەنە: «بېرمىدىكى ھەر قايسى پارتىيەلەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە تەرەققىيات مەسىلىسىدە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشى كېرەك» دېگەن.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بېرمىدىكى بىر ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، سىياسىي ئۆزگىرىشتىن بۇيان سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نۇرغۇن قوراللىق كۈچلەر قۇرۇلغان. 1700 دىن ئارتۇق پۇقرا بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئەمما بېرما ھەربىي رېجىمى جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا رەقىبلىرىنى يوقىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرگەن. شۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدىمۇ خىتاي يەنىلا بۇ مەسىلىدە مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي بىلەن بېرما يەنە ئىقتىساد، تېخنىكا ۋە دېھقانچىلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق توغرىسىدا ھۆججەت ئىمزالاشقان. خىتاينىڭ بېرمىغا بولغان ئىقتىسادىي تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ، ھازىرغىچە بېرما ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكىتىنى «سىياسىي ئۆزگىرىش» دەپ ئاتاشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

ب د ت 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا بېرمىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ يېتىم قالغان بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنى قورال بىلەن  تەمىنلىگەنلىكىنى ئەيىبلىگەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1034 قېتىم كۆرۈلدى
04/04/2022 14:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق