خىتاي ئامېرىكا ئەمەلدارىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويدى

خىتاي ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئىجرا قىلغان ۋىزا چەكلىمىسىگە قارشى ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە، ئالاقىدار ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىغا ئوخشاش ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 31-مارت كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ: «خىتاي بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە يالغان-ياۋىداقلارنى ئويدۇرۇپ، خىتايغا قارىتىلغان جازانى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولىدىغان، خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىغا ئوخشاش ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش قارار قىلىندى» دېگەن.

ۋاڭ ۋېنبىن ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، يالغان-ياۋىداق ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقى ھەمدە بۇنى باھانە قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىپ، خىتاينىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزگەنلىكى، بۇنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي نىزامىغا خىلاپ ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالغان.

ۋاڭ ۋېنبىن يەنە خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، خىتاينىڭ «چەت ئەلنىڭ جازاسىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بۇ قارارنى چىقارغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا بېرىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 989 قېتىم كۆرۈلدى
04/04/2022 13:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق