شەرقىي تۈركىستاندا يەنە توققۇز كىشى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە كومىتېتى» 1-ئاپرېل خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا توققۇز كىشىنىڭ يېڭىدىن خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىدا بىر، كورلا شەھىرىدە بىر، خوشۇت ناھىيەسىدە يەتتە بولۇپ جەمئىي توققۇز كىشىگە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى، دەپ دىياگنوز قويۇلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 1-ئاپرېل سائەت 24:00 گىچە شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن بىر كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان. ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستاندا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 47 بىمارغا تەكشۈرۈپ دىياگنوز قويۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالتە بىمار ئۈرۈمچىدە بايقالغان. ئۇندىن باشقا كورلىدا 38 يۇقۇملانغۇچى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر بىمار كورلا شەھىرىدە، 37 بىمار خوشۇت ناھىيەسىدە بايقالغان. سانجى شەھىرىدىمۇ ئۈچ بىمار بايقالغان. نۆۋەتتە بىمارلار بىلەن يېقىن ئالاقە قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىشكە باشلىغان.

ئۇندىن باشقا يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، خوشۇت ناھىيەلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈش، دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە ئۆتكەندىن سىرت، يېپىق ھالەتتە تىزگىنلەش رايونى، باشقۇرۇش-تىزگىنلەش رايونى قاتارلىق رايونلارغا ئايرىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قاتتىق كونترول قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئالدىنقى يىللاردىمۇ «ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش» باھانىسى بىلەن، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندا كونتروللۇقنى ۋە باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە چۈشۈرگەن مەخپىي ھۆججەتلىرىدىمۇ «قەتئىي رەھىم قىلماسلىق» دېگەن سۆزلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە ۋىرۇس مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، باستۇرۇش، قامال قىلىش ۋە نازارەت قىلىشنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1626 قېتىم كۆرۈلدى
02/04/2022 15:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق