خەلقئارالىق ئورگان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 31-مارت خىتاينى ئىلھام توختىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق ئوقۇغۇچىلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇلتۇر 12-ئايدا ئاشكارىلانغان خىتاي رېجىمىنىڭ مەھبۇسلار تىزىملىكىدىكى يەتتە ئوقۇغۇچىنىڭ ئالتىسى 2014-يىلى 12-ئايدا ئۈچ يېرىم يىلدىن سەككىز يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. گەرچە ئۇلارنىڭ جازا مۇددىتى توشقان بولسىمۇ، قويۇپ بېرىلگەن-بېرىلمىگەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
ئىلھام توختى 1994-يىلىدىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرى ھەققىدە يازما يېزىشقا باشلىغان. 2014-يىلى 1-ئايدا خىتاي ئۇنى «بۆلگۈنچىلىك» تۆھمىتى بىلەن قولغا ئېلىپ، قانۇنىي تەرتىپسىز ھالدا سوتلاپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ۋاڭ سۇڭليەن خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارادا ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى، مەزكۇر يەتتە ئوقۇغۇچىنىڭ مەلۇم شەكىلدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ياكى تەقىب ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇلارنى دەرھال قويۇپ بېرىپ، ھوقۇقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئوخشاش بىر يىلدا سوتلانغان. شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خاتىرىلىشىچە، مەزكۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «قاتتىق زەربە بېرىش» نامىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا قايتا تۇتقۇن قىلىنىپ، جازا لاگېرى ياكى تۈرمىلەرگە قامالغان. مەزكۇر ئوقۇغۇچىلار ئابدۇقەييۇم ئابلىمىت، پەرھات خالمۇرات، ئەكبەر ئىمىن، مۇتەللىپ ئىمىن، شۆھرەت نىجات، ئاتىكەم روزى قاتارلىقلار بولۇپ، ئىلھام توختى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ياكى ئىلھام توختى قۇرۇپ چىققان «ئۇيغۇر بىز» تورىنىڭ پىدائىيلىرى ئىكەن. ئۇلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، 2014-يىلى ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن قولغا ئېلىنغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ