خىتاي بۇ قېتىملىق يالغان تەشۋىقاتىغا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى تاللىدى

خىتاينىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر» 29-مارت بىرلىكتە ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدا سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئەرەب خەلقىنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇندى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان تور بېتىدىكى خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر مۇھاكىمە تور يىغىنىغا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، خىتاينىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نى جيەن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەلى ئابىد زاھىرى قاتارلىقلار قاتناشقان.

مۇھاكىمە يىغىنىدا ئەركىن تۇنىياز تور ئارقىلىق سۆز قىلىپ: «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالى مۇقىم، ئىقتىسادى تەرەققىي قىلدى، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلاندى، دىن سىياسىتى ياخشى، غەرب ئەللىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، دىنىي زۇلۇم، ئىرقىي يوقىتىش قاتارلىق يالغان-ياۋىداقلارنى ئويدۇرۇپ چىقتى» دەپ بىلجىرلاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىنكار قىلغان ۋە «غەرب ئەللىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان» دېگەن سەپسەتىسىنى قايتا ئىشقا سېلىش ئارقىلىق، ئەرەب خەلقىنىڭ دىققىتىنى بۇراشقا ئۇرۇنغان.

مۇھاكىمە يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە ساختا تەشۋىقات فىلىمى قويۇلغاندىن باشقا، ئاتالمىش «تەلىم-تەربىيە مەركىزى»دىن ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكى دەۋا قىلىنغان ئۇيغۇرلار، ئىشلەمچىلەر، مەسچىت ئىمامى قاتارلىقلار تور ئارقىلىق قاتناشتۇرۇلغان. ئۇلار خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرغىنى بويىچە ئاتالمىش «ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەش» نامىدا، بىردەك شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىنتايىن ياخشى تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى، غەرب ئەللىرىنىڭ ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىپ، تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەجبۇرىي يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلگەن. بۇ سەۋەبلىك يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئاتالمىش «پىكىر ئالماشتۇرۇش» تور يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1192 قېتىم كۆرۈلدى
02/04/2022 14:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق