خىتاي ئافغانىستاننى قولغا كەلتۈرۈش ئۇرۇنۇشىنى بارغانسېرى كۈچەيتمەكتە

خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن، ئىككى كۈن داۋاملاشقان ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن ئاخىرلاشقان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىغىندا بىرلىككە كېلىنگەن ئورتاق پىكىرلەرنى ئېلان قىلدى.

ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى 30-، 31-مارت كۈنلىرى خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسى تۇنشى شەھىرىدە خىتاينىڭ ساھىبخانلىقى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان. يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئافغانىستانغا قوشنا سەككىز دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئورتاق پىكىرلىرىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورگان تور بېتىدە مەزكۇر يىغىندا ئافغانىستان مەسىلىسى بويىچە ئورتاقلىق ھاسىل قىلىنغان بىر تۈركۈم نۇقتىلارنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلەپ ئېلان قىلغان:

«بىرىنچى ئافغانىستاننىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەكىتلەپ، ئافغانىستان خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى قارار قىلىشىنى قوللاش ۋە ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە دەۋرنىڭ يۈزلىنىشىگە ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش تەدبىرىنى قوللاش.

ئىككىنچى، ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تىرىشچانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھەمدە ئافغانىستاننى سۆھبەت ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق مىللىي يارىشىش ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، كەڭ دائىرىدە سىغدۇرۇشچان، ئوتتۇرھال ھۆكۈمەت قۇرۇشقا، ياخشى قوشنا ۋە دوستانىلىقتا چىڭ تۇرۇشقا چاقىرىش.

ئۈچىنچى ئافغانىستاندىكى تېررورلۇق كۈچلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە بولغان ئورتاق ئەندىشىنى ئىپادىلەش، ھەمدە ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنى «دائىش» ۋە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىق ھەر خىل تەشكىلاتلار بىلەن ئېنىق چەك-چېگرا ئايرىشقا، ئۇلارغا قەتئىي زەربە بېرىشكە ۋە ئاخىرىدا ئۇلارنى يوقىتىشقا ئۈندەش، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش.

تۆتىنچى ئافغانىستان دۇچ كەلگەن ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئافغانىستان خەلقىنى داۋاملىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەشنى قارار قىلىش، ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىنى قايتا قۇرۇش ۋە مۇستەقىل تەرەققىيات يولىنى قوللاش، رايون ئالاقىسىنى كۈچەيتىش.

بەشىنچى، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئافغانىستان بىلەن ئالاقە ۋە سۆھبەتلىشىشكە چاقىرىق قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللاش، ھەر خىل جازا ۋە بېسىمغا قارشى تۇرۇشقا ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش.

ئالتىنچى، ئامېرىكا ۋە غەربنى ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئافغانىستان خەلقىنىڭ مال-مۈلكىنى تېزدىن قايتۇرۇپ بېرىشكە، ئافغانىستاندا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، رايوندىكى دۆلەتلەرگە زىيان يەتكۈزۈشكە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىش.

يەتتىنچى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ياردەمنى ماسلاشتۇرۇشتا تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللاپ، خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنى ئافغانىستانغا ياردەم قىلىشتا ئاكتىپلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ ساغلام تەرەققىيات يولىغا مېڭىشىغا ياردەم بېرىشكە چاقىرىق قىلىش.

سەككىزىنچى، ئافغانىستاندىكى قوشنىلارنىڭ ماسلىشىشى ۋە ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ ئۆزگىچە رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇش، ئافغانىستان مەسىلىسىدە ئافغانىستاندىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئالاھىدە ئەلچىلىرى (ئالاھىدە ۋەكىللىرى)نىڭ قەرەللىك ئۇچرىشىش مېخانىزمىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، سىياسەت ۋە دىپلوماتىيە، ئىقتىساد ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق قاتارلىق ساھەدە ئۈچ خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئىلگىرىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش».

شەرقىي تۈركىستانغا چېگرا بولغان ئافغانىستاندا تالىبان ھاكىمىيىتىدىكى ئىسلام ئەمىرلىكى قۇرۇلغاندىن بۇيان، خىتاي ھەممىدىن ئاكتىپ ھالدا تالىبان ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ۋە دىپلوماتىك ھەرىكىتىنى ئالاھىدە كۈچەيتىپ كەلمەكتە. خىتاي بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنى يوشۇرۇپ ئولتۇرمىغان بولۇپ، تالىبان ھۆكۈمىتىدىن ئافغانىستان تەۋەسىدىكى خىتايغا قارشى قوراللىق كۈچلەرنى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنى دەرھال يوقىتىشنى، ئۇلارنىڭ ئافغانىستان زېمىنىدىن پايدىلىنىپ، خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىشىنى توسۇشىنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 972 قېتىم كۆرۈلدى
01/04/2022 14:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق