سەئۇدى ئەرەبىستان ئىككى ئۇيغۇر ھەققىدە خەۋەر يەتكۈزگەن كىشىنىمۇ تۇتقۇن قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ھەمدۇللاھ ۋەلى داموللام بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، سەئۇدى دائىرىلىرى مەزكۇر ئىككى ئۇيغۇر ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزۈۋاتقان يەنە بىر كىشىنى تۇتقۇن قىلغان. ھەمدۇللاھ ۋەلى داموللامنىڭ قىزى سۇمەييە ئايتۈرك تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بۇ ھەقتە خەلقئارا جەمئىيەتتىن جىددىي ياردەم تەلەپ قىلدى.

ياردەم چاقىرىقىدا: «ئەڭ يېڭى ئىگىلىگەن خەۋەرگە قارىغاندا، دادام ھەمدۇللاھ ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزى ئاكىنى ۋە بىزگە خەۋەر يەتكۈزۈۋاتقان قېرىندىشمىزنى تۇتقۇن قىلىپ، ھەممىسىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش مەركىزىگە ئاپىرىپ قويغان. نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر يەردە ئىكەن. دادام بىلەن نۇرمۇھەممەت روزى ئاكىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى بىردەمچىلىك ئىش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە بىز قورقۇنچلۇق خەتەر ئاستىدا قالدۇق. شۇڭا تۈركىيە ۋە خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈم مەيدانىغا ئىتتىرىلىشىگە قاراپ تۇرماسلىقىنى، ھەممە كىشىنىڭ ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە  ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلىمىز. شۇنداقلا ھەممىڭلارنىڭ بۇ مەسىلىدە بىردەك كۈچ چىقىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز» دېيىلدى.

ھەمدۇللاھ ۋەلى 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ھەج قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بارغان بولۇپ، كېيىن خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك يول تاقىلىپ قالغاچقا، تۈركىيەگە قايتىپ كېلەلمىگەن. سەئۇدى ئەرەبىستان ساقچىلىرى 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ھەمدۇللاھ ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنى تۇرۇۋاتقان ئۆيىدىن تۇتۇپ كەتكەن. گەرچە ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامىتى بار بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر سەئۇدى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىگۇناھ تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

ئۇندىن باشقا بۇلتۇر 19-ئىيۇل خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن كاسابىلانكا ئايرودۇرۇمىدا تۇتۇپ قېلىنغان ئىدرىس ھەسەنمۇ ھازىرغا قەدەر خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە تۇرماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1370 قېتىم كۆرۈلدى
01/04/2022 12:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق