ئامېرىكا خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى ئىجرا قىلغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى يولغا قويغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 31-مارت بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، خىتايغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە يالغان سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، خىتايغا قارشى جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى، خىتاي تەرەپمۇ خىتاي مەنپەئەتىگە زىيان سالغان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ جار سالغان.
ۋاڭ ۋېنبىن مەزكۇر باياناتنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان بولۇپ، ئۇ باياناتىدا يەنە: «ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ يالغان سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى، خىتاينىڭ ئوبرازىغا قارا چاپلىدى، خىتاي ئەمەلدارلىرىغا بېسىم قىلدى» دەپ بىلجىرلىغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئالدىنقى دۈشەنبىدىكى باياناتىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ باشقا مىللەت ۋە دىنىي جامائەتلەرنى باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا چېتىلىدىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ