شەرقىي تۈركىستاندا 23 كىشى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە كومىتېتى» 30-مارت خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا 23 كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇقۇملانغانلارنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىر بىمار بار ئىكەن. يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 23 يۇقۇملانغۇچى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 20 بىمار كورلىنىڭ خوشۇت ناھىيەسىدە، تەكشۈرۈپ دىياگنوز قويۇلغان ئۈچ بىمار سانجىدا ئىكەن.

30-مارت سائەت 24:00 گىچە شەرقىي تۈركىستاندا بىر كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان. ئۇندىن يەنە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 25 بىمار تەكشۈرۈپ دىياگنوز قويۇلغان.

نۆۋەتتە، بىمارلار بىلەن يېقىن ئالاقە قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىشكە باشلىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1218 قېتىم كۆرۈلدى
01/04/2022 10:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق