ئامېرىكا بىلەن خىتاي رۇسىيەنى جازالاش مەسىلىسىدە سۆھبەتلەشتى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق خىتاي ۋەكىلى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، رۇسىيەگە قاراتقان جازانىڭ دائىرىسىنى خىتايغا تونۇشتۇرغان بولۇپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى يېقىندا خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ۋەكىللىرى بىلەن رۇسىيەگە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى، خىتايغا ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان جازا دائىرىسىنى چۈشەندۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە «ئەگەر ئامېرىكا زاپچاسلىرىنىڭ رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلىنىش ئومۇمىي قىممىتى %25 تىن كۆپ بولۇپ كەتكەندە، رۇسىيەنى جازالاشقا قارشى تۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خىتاي ئالدى بىلەن ۋاشىنگتوندىن ئىجازەتنامە ئېلىشى كېرەك» دېگەن مەزمۇنلار بارلىقىنى ئاشكارىلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئېكسپورتنى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى ماتېۋ بورمان سەيشەنبە كۈنىدىكى تېلېفون يىغىنىدا ئۆزلىرىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تېمىدا خىتايغا كەسپىي چۈشەنچە بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە چەت ئەلدە ئىشلەنگەن، ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا تەۋە بولمىغان ئامېرىكىنىڭ يۇمشاق دېتالى ياكى تېخنىكىسىنى ئاساس قىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيان غەرب دۆلەتلىرى رۇسىيەگە قارىتا ئېغىر ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزگەن. بۇنىڭ ئىچىدە رۇسىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ تاشقى پېرېۋوت مۈلكىنى توڭلىتىش، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق قەرز سودىسىغا چەكلىمە قويۇش، مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش، قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ جازالاش، ئېكسپورتنى كونترول قىلىش، SWIFT سىستېمىسىدىن چىقىرىۋېتىش قاتارلىقلار بار ئىكەن. خىتاي رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رۇسىيەگە قارىتىلغان جازانىڭ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىدا ئىنتايىن مۇھىم بولغانلىقتىن، بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇپ، رۇسىيەگە قارىتىلغان جازانى سودا پۇرسىتى سۈپىتىدە پايدىلانماسلىق، رۇسىيەنىڭ ئېكسپورت كونتروللۇقىدىن ئۆتۈشىگە ياردەم بەرمەسلىك ۋە چەكلەنگەن پۇل-مۇئامىلە سودىسىنى بىر تەرەپ قىلماسلىق ئۈچۈن قىزىل سىزىق بەلگىلىگەن.

بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىقتىسادىي مەنپەئەت، ھۆكۈمەت، جامائەت پىكىرى بېسىمى، ھەتتا خىتاينىڭ «چەت ئەلنىڭ جازاسىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ئېلىپ كەلگەن قانۇنىي بەلگىلىمە ئۇلارنىڭ غەربنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان جازاسىغا قارشى ئىش كۆرۈش-كۆرمەسلىكنى قارار قىلىشتا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەت نۇقتىسىدىن خىتاي رۇسىيەنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كۆرۈشنى خالىمايدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 936 قېتىم كۆرۈلدى
31/03/2022 15:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق