خىتاي «ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بويىچە شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى قوشۇمچە تۇتۇپ قېلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتقان بولۇپ، بۇ تەدبىر ئارقىلىق ئىلگىرى مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان نوپۇسنىڭ قېرىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشى ھەمدە ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرماقچى بولغان.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 28-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۇغۇت سىياسىتىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، نوپۇسنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، خىتاينىڭ «شەخسىي تاپاۋەت بېجى قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بويىچە شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش تەدبىرىنى يولغا قويغان.
ئۇقتۇرۇشتا بۇ تەدبىرگە ئاساسەن، 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئۈچ ياشتىن تۆۋەن پەرزەنتلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئالاقىدار چىقىملىرى شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشنى ھېسابلاشتىن بۇرۇن، ھەر بىر بوۋاق ۋە بالىغا ئايدا 1000 يۈەن نورمىلىق ئۆلچەم بويىچە تۇتۇپ قالىدىغانلىقى، بۇ تۈردىكى تۇتۇپ قېلىش سىياسىتىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنى بېقىش يۈكىنى يېنىكلىتىشكە ۋە پەرزەنت كۆرۈشكە ۋە بېقىشقا ئىلھام بېرىدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقى 2021-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ئەمگەك كۈچى بارغانسېرى ئازىيىشقا باشلىغان بولۇپ، كەلگۈسى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى يوشۇرۇن خەۋپكە ئايلانغان. خىتاينىڭ ئەمگەك يېشىدىكى (15~64 ياش) نوپۇسى 2030-يىلىغا بارغاندا 2018-يىلىدىكىدىن 70 مىليون ئازلاپ كېتىدىكەن. ئەمگەك كۈچىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى ئۆرلىتىۋېتىدىغان بولۇپ، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇ مەسىلىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق ئېشىشىغا توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گەرچە خىتاي دائىرىلىرى 2016-يىلىدىن باشلاپ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۈنۈمى يەنىلا كۆرۈنەرلىك بولمىغان. بۇلتۇر خىتايدىكى يېڭىدىن تۇغۇلۇش نىسبىتىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن.
بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نوپۇسىنى قاتتىق كونترول قىلىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى «پىلانلىق تۇغۇت» نامى ئارقىلىق مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسىنى يولغا قويۇپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ بۇ جىنايىتى خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاشكارىلىنىپ، قارشىلىق سادالىرى كۈچەيگەن بولسىمۇ، خىتاي ئىزچىل تۈردە بۇ جىنايى قىلمىشنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتىنى تەن ئالمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
ئۇندىن باشقا 2014-يىلىدىن باشلاپ جازا لاگېرى سىياسىتىنى كۈچەپ ئىجرا قىلىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى مىليونلىغان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ، ھەرخىل دورا-ئوكۇللار ۋە بوغدۇرۇش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق مەجبۇرىي ھالدا تۇغماس قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن تۈرلۈك دورا-ئوكۇللار ئارقىلىق ئەرلەرنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدارىنىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتماقتا.
بەزى مۇستەقىل تەتقىقاتچىلارنىڭ 2021-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاي نوپۇس چەكلەش سىياسىتىنىڭ زىيىنىغا ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە ئۇچرىغان. خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى نەتىجىسىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇسنىڭ ئېشىش نىسبىتى 2017-يىلدىن بۇيان زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن. 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى ‰15.88 دىن ‰8.14 گە چۈشۈپ قالغان. يەنى قىسقىغىنا ئىككى يىل ئىچىدە %50 كە يېقىن تۆۋەنلىگەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇسنىڭ تەبىئىي ئېشىش سۈرئىتىمۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ، 2017-يىلىدىكى ‰11.4 دىن 2019-يىلى ‰3.69 گە چۈشۈپ، %67 تىن كۆپرەك تۆۋەنلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ