شەرقىي تۈركىستاندا يەنە بىر قۇملۇق تاشيولى پۈتۈش ئالدىدا تۇرماقتا

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى جەلپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتەك رەزىل پىلانىغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساياھەت رايونلىرىنى كۆپلەپ قۇرماقتا ۋە خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلىشىشكە، ساياھەت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان تەشۋىقاتلارنى كۆپەيتىپ كەلمەكتە. جۈملىدىن كورلىغا تەۋە لوپنۇر ناھىيەسىدىكى قۇملۇق رايونىغا ئولتۇراق رايونى قۇرۇپ چىقىپ، خىتايلارنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورۇنلاشتۇرغان ۋە قاتناشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، مەزكۇر رايونغا تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتكەن 3-قۇملۇق تاشيولى ياساش قۇرۇلۇشىنى باشلىغانىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 29-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، لوپنۇر ناھىيەسىدىن چەرچەن ناھىيەسىگە بولغان 3-قۇملۇق تاشيولى نۆۋەتتە پۈتۈش باسقۇچىغا كەلگەن بولۇپ، ئىشچىلار مەزكۇر قۇملۇق تاشيولىنىڭ K60 ئورنىدىكى لوپنۇر بۆلىكىدە سىزىق سىزىش خىزمىتىنى باشلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، لوپنۇردىن چەرچەنگىچە تۇتىشىدىغان قۇملۇق تاشيولىدا 2017-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، بۇ دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى بىرىنچى چوڭ قۇملۇق بولغان تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئۈچىنچى تاشيول ھېسابلىنىدىكەن. نۆۋەتتە بۇ تاشيول قۇرۇلۇشى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، بۇ يىل 6-ئايدا قۇرۇلۇشنى تاماملاش مۆلچەرلەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش مەقسىتىدە، مۇھىم رايونلارغا ئاتالمىش «دېھقانچىلىق مەيدانى، دىۋىزىيە» دېگەن ناملاردا مەخسۇس رايون تەسىس قىلىپ، قوراللىق قىسىم ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، ئۇندىن باشقا سۇ مەنبەسى بار رايونلاردا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق بوز يەر ئېچىپ، خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، لوپنۇر بىلەن چەرچەننى تۇتاشتۇرىدىغان قۇملۇق تاشيولىنىڭ خىتايلارنى مەزكۇر رايونغا يەرلەشتۈرۈشنى تېزلىتىشتەك رەزىل مەقسەتتە ياسالغانلىقىنى  بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1110 قېتىم كۆرۈلدى
31/03/2022 12:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق