ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى خىتايغا قارشى مۇھىم قانۇن لايىھەسى ماقۇللىدى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى خىتايغا قارشى بىر مۇھىم قانۇن لايىھەسى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ قانۇن يېقىندا رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىش ئالدىدا ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 28-مارت 68 ئاۋازنىڭ  قوللىشى، 28 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن «ئامېرىكا رىقابەت قانۇنى»نى ماقۇللىغان بولۇپ، خىتايغا قارشى رىقابەتكە مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق قانۇنلارنى ماقۇللاش باسقۇچىغا بىر قەدەم يېقىنلاشقان ۋە مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋام پالاتادا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىنىشقا  ئاساس سالغان. بۇ يىل 2-ئايدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 222 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 210 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان. ئەمما بۇ قېتىم ماقۇللانغان قانۇن لايىھەسىنىڭ مەزمۇنى ئالدىنقىسىغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك پەرقلىق ئىكەن.

ئاقساراي دۈشەنبە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتتا قانۇن چىقىرىش مەسىلىسىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ: «پىرېزىدېنت ئۇزۇندىن بۇيان تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت ئىچىدىكى يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنى قوللاش، ئۇلارنىڭ ئىجادىي پىكىرلىرىنى تەجرىبىخانىدىن ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىغا يۆتكەشكە ياردەم بېرىش، شۇنداقلا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كەسپىگە ئوخشاش تەمىنلەش زەنجىرىدىكى توسالغۇلارنى ھەل قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك مەبلەغ سېلىش مەسىلىلىرى ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى» دېيىلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، نەچچە يۈز مىليارد دوللارغا مۇناسىۋەتلىك بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى، تەتقىقات ۋە تەرەققىيات مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئامېرىكىدا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن 52 مىليارد دوللار، ھالقىلىق ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى، دۆلەت مۇداپىئە ۋە ماشىنا زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئىككى مىليارد دوللار بىلەن تەمىنلەشنى تەستىقلايدىكەن. بۇ تەدبىردە ئاساسلىقى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا تايىنىشنى ئازايتىش مەقسەت قىلىنغاندىن سىرت، يەنە ئامېرىكا-تەيۋەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش، تەيۋەننى ئامېرىكىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئېتىراپ قىلىش ۋە تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكىنى رەسمىي زىيارەت قىلغاندا تەيۋەن بايرىقىنى كۆرسىتىشنى چەكلەشكە خاتىمە بېرىش ئارقىلىق، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ رەئىسى مارك ۋارنېر سەيشەنبە تىۋىتتېر ھېسابىدا: «ئامېرىكا رىقابەت قانۇنىنى ماقۇللاش ئۇزۇن داۋاملاشقان پۇل پاخاللىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە قارىتىلغان مەبلەغ سېلىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشنى كۆرسىتىدۇ. مەن بۇ قانۇن لايىھەسىنى باشتىن-ئاخىر كۈچەپ قوللاپ كەلدىم، ئۇنى قوللاشقا تەييارمەن» دېگەن.

نۆۋەتتە مەزكۇر قانۇن لايىھەسى رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىش ئۈچۈن ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىشى، ئىككىنچى قەدەمدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئىمزا قويۇشى كېرەك ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 806 قېتىم كۆرۈلدى
31/03/2022 11:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق