راي سىناشتىن چىققان قىزىقارلىق نەتىجىلەر

راي سىناشتىن چىققان قىزىقارلىق نەتىجىلەر

ئابدۇلقادىر سەلۋى

 

ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئافغانىستان ئۇرۇشىغىمۇ، سۇرىيەدىكى ئۇرۇشقىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئۇكرائىنا ئۇرۇشى دۇنيانى يېڭىدىن شەكىللەندۈرمەكتە. چوڭ كىرىزىسلار ئۇلۇغ رەھبەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئادەتتىكى ئىسىملارنى تارىخ سەھنىسىدىن تارتىپ چۈشۈرىدۇ.

يېلتسىننىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى تانكىنىڭ ئۈستىگە چىقىشى ئۇنى باشلامچى قىلغان ئىدى. ئۇكرائىنا كىرىزىسىمۇ پىرېزىدېنت ئەردوغاننى دۇنياۋى باشلامچىغا ئايلاندۇردى. ئەردوغان لىۋىيە ئۇرۇشى ۋە ئەزەربەيجان-قاراباغ ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىدىكى تەسىرى سەۋەبىدىن ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ دۇنياۋى رەھبەرلىك ئورنىنى نامايان قىلغانىدى. ئەمما بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى مەيدانى ئۇنى دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە رەھبەرلەردىن بىرىگە ئايلاندۇردى.

پىرېزىدېنت ئەردوغان بايدېن بىلەن پۇتىن ئۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان، زېلېنسكىي بولسا ۋەتىنىدىن ئايرىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇرۇشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بۇ مەيدانى ۋە پۇتىن بىلەن زېلېنسكىي ئوتتۇرىسىدا ئاكتىپ دىپلوماتىيە يۈرگۈزۈشى بۇ ئۇرۇشنىڭ توختىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلارنىڭ ئۈمىدىگە ئايلاندى. بىز بۇنى ئەردوغاننىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى ئانتاليادا ئېچىلغان باشلىقلار يىغىنىدا ئۇچراشتۇرغانلىقىدىن كۆرۈۋالالايمىز. بولۇپمۇ بايدىن، پۇتىن ۋە زېلېنسكىي باشلىق 35 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىدىن، شۇنداقلا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا ئۇچراشقان رەھبەرلەرنىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيمىز.

ئەردوغاننىڭ ئاق پارتىيەنى قۇرغاندىن كېيىن، 2007-يىلى 27-ئاپرېل تۈركىيە قوراللىق قىسمى باش ئىشتابىنىڭ پىرېزىدېنت سايلىمى مۇناسىۋىتى بىلەن سېكۇلارىزم ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىغا جاۋاب بېرىشىغىچە، 2008-يىلى 14-مارت ئاق پارتىيەنى تاقاش ئۈچۈن سوتقا ئەرز قىلغانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىغىچە، 2009-يىلى 29-يانۋار شىۋېيتسارىيەنىڭ دائۇس شەھىرىدە ئېچىلغان يىغىندا ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتىغا «بىر مىنۇت» دېگەنگە قەدەر بولغان ۋەقەلەرگىچە، بىر رەھبەرنىڭ سىياسىي ھاياتىنىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ ئۇنىڭ دۇنيا سەھنىسىگە چىقىشىغىچە بولغان ئارىلىقتا بىز شاھىت بولغان جەريانلار ئىدى. تارىخ داۋاملىشىپ 2016-يىلى 15-ئىيۇل ئەردوغان رەھبەرلىكىدىكى ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغالغان سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ئەردوغاننى سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئالاھىدە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈردى. دېمەك، ئەردوغان بۇ نۇقتىغا كېلىش ئۈچۈن بىر نەچچە باسقۇچنى بېسىپ ئۆتتى.

ئۇ بۇ قېتىم رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئارقىلىق يەنە يېڭى بىر ھېكايە يازدى. ئۇنىڭ ئەڭ نازۇك بىر ۋەزىيەتتە دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ قىلغان دىپلوماتىك خىزمەتلىرى ئۇنىڭ دۇنياۋى رەھبەرلىك ئورنىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر، ئەلۋەتتە.

پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىب ئەردوغاننىڭ بۇ پوزىتسىيەسى خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتىمۇ ئەكس ئەتتى. يېقىندا ئاق پارتىيە مەركىزى راي سىناش ئۆتكۈزدى. بۇ راي سىناشتا خەلقتىن: «پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە قانداق قارايسىز؟» دەپ سورالغان. راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ %80.5ى: «مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى دەپ قارايمەن» دېگەن. بىز بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ يېرىمىنىڭ ئاق پارتىيەگە بېلەت تاشلىغۇچىلار ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. دېمەك، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ۋە ئىيى پارتىيەلەر باشلىق باشقا پارتىيە تەرەپدارلىرىمۇ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئەردوغاننىڭ پوزىتسىيەسىنى قوللىغان ھەمدە ئۇنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلغان. بىز بۇ ئەھۋالدىن رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ دۇنيا سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىدىن شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

بۇ راي سىناشتا: «تۈركىيەنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى مەيدانىغا قانداق قارايسىز؟» دەپ سورالغان. بۇ سوئالغا خەلقنىڭ %76.4ى «ئەڭ توغرا» دەپ باھا بەرگەن.

مەن ئوخشىمىغان راي سىناش شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن راي سىناش نەتىجىلىرىگە دىققەت قىلىمەن. ئېنىقكى، ئەردوغاننىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا تۇتقان مەيدانى ئالقىشقا ئېرىشكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن باشقا پارتىيەلەرنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىچىدىنمۇ ئاق پارتىيەنى قوللىغۇچىلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشى ھەرقايسى پارتىيە تەرەپدارلىرى ئىچىدە داۋالغۇش پەيدا قىلدى. ئەمما ئاق پارتىيەنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىچىدە يەنىلا چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى. ئۇنداقتا بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بىز بۇ نۇقتىغا كەلگەندە سىياسەتنىڭ رېئال تەرىپىگە يۈزلىنىمىز.

تۈرك خەلقىنىڭ بىر كۆزى ئۇكرائىنادا بولسا، يەنە بىر كۆزى دۇكانلاردىكى مال باھاسىدا. خەلق ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىنى قوللايدۇ. ئەمما مال باھاسى، پۇل پاخاللىقى قاتارلىقلارنىمۇ تارازىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە قويىدۇ. سىياسەتنىڭ ئاقىلانە قائىدىلىرى مانا مۇشۇ يەردە ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەھۋال دېموكراتىيەمىزنىڭ ئاجىزلىقى ئەمەس، ئەكسىچە بىر كاپالىتى. ئەردوغاننىڭ دۇنياۋى رەھبەرلەرنىڭ قاتارىدىكى يۈز-ئابرۇيى يىلدىن-يىلغا يۈكسەلمەكتە. ئەمما بۇ ئەھۋال بىلەن بىرگە ئاپتاپپەرەس مېيى، تۇخۇم ۋە شېكەر باھاسىنىڭ كۈنسايىن ئۆرلىشى ئەردوغاننىڭ ئېشىۋاتقان ئابرۇيىنى تۆۋەنگە تارتماقتا.

خەلق رايىنى تەكشۈرگۈچىلەر يەنە: «ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى بىزنىڭ ئىقتىسادىمىزغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟» دەپ سوئال سورىغان. بۇ سوئالغا خەلقنىڭ %93.5ى «ئۇرۇش بىزنىڭ ئىقتىسادىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېگەن. «سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېگۈچىلەرنىڭ نىسبىتى بولسا %95 بولغان.

بۇ ئەھۋال بىزگە نېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؟ بۇ ئەھۋال ئاق پارتىيەنىڭ پۇل پاخاللىقى ۋە تۇرمۇش قىممەتچىلىككە قارشى مۇجادىلىسىنى بىر ھەسسە، ئىككى ھەسسە، ھەتتا ئۈچ ھەسسە ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. يەنى بۇ بىرىنچىدىن، ئىقتىسادقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئىككىنچىدىن، ئىقتىسادقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئۈچىنچىدىن يەنە ئىقتىسادقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، دېگەنلىك بولىدۇ.

بۇ دۆلەتتە ھازىرغىچە بولۇپ ئۆتكەن سىياسىي ئۆزگىرىشلەر پىرېزىدېنت سايلىمى ئۈچۈن بولدى. ئەمدىلىكتە بولسا «ۋاي پارلامېنت سىستېمىسى» دەيدىغانلار داۋاملىق بىر كۆزى بىلەن ئەسكەرلەرگە قارايدىغان بولدى. ئۇلار ئەسكەرلەرنىڭ 2007-يىلى 27-ئاپرېل كېچە سائەت 23:20 ئۆتكەندە پىرېزىدېنت سايلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلغىنىدەك ۋە 367-نومۇرلۇق قاراردەك قارارلار بىلەن بىردىنلا ئوتتۇرىغا چىقىپ پارلامېنتنىڭ پىرېزىدېنت سايلاش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن بولسا، دەپ ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ قېلىشتى. قاچانىكى پىرېزىدېنتنى خەلق سايلىدى، دۆلەت تەرەققىي قىلدى. قاچانىكى سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن پىرېزىدېنت چىقىرىلدى، ئۇنىڭ زىيىنى دۆلەت ھەم خەلققە بولدى.

يۇقىرىقى ئانكىتتا خەلقتىن «پىرېزىدېنت سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن سايلاپ چىقىلسۇنمۇ ياكى خەلق تەرىپىدىن سايلانسۇنمۇ؟» دېگەن سوئالمۇ سورالغان. بۇ سوئالغا خەلقنىڭ %83.7 ى «خەلق سايلىشى كېرەك» دېگەن.

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى قاتارلىق دۇنياۋى كىرىزىسلاردا كىشىلەر دۆلەتنىڭ بېشىدا كۈچلۈك رەھبەرلەرنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەگەر ھازىر ئەھمەت نەجدەت سەزەر (ئىككى كىشى نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن، پەقەت بىر كىشى تەرىپىدىن سايلانغان 10-پىرېزىدېنت) بولغان بولسا، تۈركىيەنىڭ ئوبرازى نېمە بولۇپ كېتەر ئىدى؟

يەرلىك سايلام ۋاقتىدا پىياز، پەمىدۇر، پىدىگەن قاتارلىقلار قىزىق نۇقتىغا ئايلانغانىدى. ئەمدى ئاپتاپپەرەس مېيى، ئارقىدىنلا شېكەرنىڭ گېپى ئوتتۇرىغا چىقتى. دېمەككى، ھەممە ئىش پىچىرلاشتىن باشلىنىدۇ. چوڭ تىجارەتچىلەر (ھەرقايسى ماگىزىنلار) بىر-بىرى بىلەن قول تۇتۇشتى، شۇنىڭ بىلەن ئاپتاپپەرەس مېيى ۋە شېكەرنىڭ باھاسى خۇددى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدەك ئۆرلەشكە باشلىدى. بۇ ئەھۋالدىن كىشىلەر ئالاقزادە بولۇپ كەتتى، بازارلاردا دۇكانلار بوشاپ قالدى. بىر ئايلىق ئاپتاپپەرەس يېغى 48 سائەت ئىچىدە سېتىلىپ تۈگىدى.

بۇ ئەھۋال ئىككى كۈن داۋاملاشتى. كېيىن يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى ۋاھىت كىرىشچى كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سودا مىنىستىرى دۆلەت ئىلكىدە 400 مىڭ توننا شېكەر زاپىسى بارلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئىككى بايانات بازاردىكى قالايمىقانچىلىقلارنى توختاتتى. ئەمدى بولسا خېمىرتۇرۇچ باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىدىغانلىقى توغرىلىق كۇسۇرلاشلار باشلاندى. يەنە ئۇننىڭ باھاسىمۇ بار.

تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، بۇ خىل ھەرىكەتلەر 2023-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامغىچە داۋاملىشىدىكەن. بۇنداق ئەھۋاللار بۇرۇن بىر نەچچە يىلدا بىرەر قېتىم بولاتتى. ھازىر بىر نەچچە ئايدا بىر قېتىم يۈز بېرىدىغان بولدى. ئەھۋال مۇشۇنداق داۋاملاشسا، بۇنىڭدىن بىر قەدەم كېيىنكىسى بۇلاڭچىلىققا ئايلىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىنكى جەريانلاردا دۆلەت كىرىزىسنى باشقۇرۇش ۋە كىرىزىسقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارغا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. خەلقمۇ بازارلارغا ئىشىنىشى كېرەك.

ئاپتاپپەرەس مېيى كىرىزىسىدا ۋە شېكەر كىرىزىسىدا CNN Türk ناھايىتى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن خەۋەر ئىشلىدى ۋە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. دېمەك ئالاقە-ئۇچۇر مۇھىم. ھۆكۈمەت بۇ جەھەتتە تېزلىكتە ئىنكاس قايتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى يولغا قويۇپ، كىرىزىس ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ھامان دەرھال بازارلارنى خاتىرجەم قىلىدىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، يەنە نەدىن چىققانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان ۋەھىمە باشلىنىپ قالسا، ئۇنى تىزگىنلەشكە كېچىكىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەھۋالدىن قارىغاندا مەلۇم كۈچلەر خەلقنى سىناق قىلىۋاتىدۇ، كىشىلەرنى كۆزىتىپ بەلگە قويۇۋاتىدۇ.

 

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 898 قېتىم كۆرۈلدى
30/03/2022 16:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق