رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ھەيئەتلىرى تۈركىيەنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن 29-مارت ئىستانبۇلدىكى تارىخىي ئورۇن دولماباھچە سارىيىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. بۇ سۆھبەت مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ كۆزى ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم تۈركىيەگە مەركەزلەشتى.
سۆھبەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى پىرېزىدېنت ئەردوغان قىسقا سۆز قىلىپ: «ئۆلگەن ھەر بىر ئىنسان، يىقىلغان ھەر بىر بىنا دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بايلىقلىرىغا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. بىز بۇ سۆھبەتنىڭ كونكرېت نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. دۇنيا بۇ سۆھبەتتىن ياخشى خەۋەر كۈتۈۋاتىدۇ. بىز باشتىن-ئاخىر ئوتتۇرا مەيداندا تۇرۇپ، ئادىللىق بىلەن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايمىز ۋە ھۆرمەت قىلىمىز» دېگەن.
سۆھبەتكە رۇسىيەنىڭ چوڭ بايلىرىدىن ئابراموۋىچ دېگەن كىشىمۇ قاتناشقان. رۇسىيە تەرەپ ئۇ كىشىنىڭ كۆزەتكۈچى ئىكەنلىكىنى، رەسمىي ۋەكىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ سۆھبەتتە رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرە قىلىنغان تېمىلار تۆۋەندىكىچە:
1. زېمىن
سۆھبەتتىكى ئەڭ قىيىن تېما زېمىن مەسىلىسى بولغان. ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دونباس رايونىدىكى دونېتسك ۋە لۇھانسكتىن تەركىب تاپقان ئىككى رايون مۇستەقىللىق جاكارلىغان. يېقىندا رۇسىيە ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان. سۆھبەتتە رۇسىيە دونېتسكنىڭ % 54 لىك زېمىنىنىڭ، لۇھانسكنىڭ %93 زېمىنىنىڭ ئازاد بولغانلىقىنى ئېيتقان. زېلېنىسكى ئالدىنقى كۈنى كەچتە دونباس ۋەقەسىنى ھەل قىلىش چارىسىنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
2. تەرەپسىزلىك
ئۇكرائىنانىڭ تەرەپسىزلىكى رۇسىيەنىڭ ئاساسلىق تەلەپلىرىنىڭ بىرى بولغان. موسكۋا ئۇرۇشتىن بۇرۇن ئۇكرائىناغا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ھەرگىز ئەزا بولمايدىغانلىقىغا يازما كاپالەت بېرىشى كېرەك، دېگەن شەرتنى قويغان. بۇ قېتىم تاجاۋۇز قىلىش مەقسىتىنىڭ بىرى ئۇكرائىنانى قورالسىزلاندۇرۇش، دەپ جاكارلىغان. ئۇكرائىنا ئەمەلدارلىرى ئالدىنقى ئايدا بۇ دۆلەتنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ئۇكرائىنا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قەتئىي ئەزا بولمايدۇ، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ھەققىمىز بار» دېگەن.
3. رۇسلارنىڭ ھوقۇقى
ئۇكرائىنا 2019-يىلى بىر قانۇن چىقارغان بولۇپ، ئۇ قانۇندا ئوفىتسېر، ئەسكەر، دوختۇر ۋە ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن ئۇكرائىنا تىلىدا سۆزلەش كېرەك، دېيىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت زېمىنىدا ئۇكرائىنا تىلىنى مەجبۇرىي يولغا قويغان. ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە رۇسچە سۆزلەيدىغان بىر قىسىم نوپۇس بار بولۇپ، رۇسىيە ئۇكرائىنادىكى رۇسلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇكرائىنانىڭ چىقارغان قانۇنىغا قارشى چىققان.
4. ناتسىستلارنى تازىلاش
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ «ئازوۋ بىرىگادىسى» قاتارلىق ئوڭچىل مىللەتچى گۇرۇپپىلارنىڭ رۇسچە سۆزلەيدىغان كىشىلەرگە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇكرائىنا تەرەپ بۇ ئەيىبلەشنى قەتئىي رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «ناتسىستلار دېگەن ئاتالغۇ رۇسىيەنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغان بىر باھانىسى، رۇسىيەنىڭ مەقسىتى بۇنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ ئۇكرائىنانى قورالسىزلاندۇرۇش» دېگەن.
رۇسىيە دەسلەپتە زېلېنىسكى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ھازىر بولسا: «ئۇكرائىنانىڭ ئۆز ئارمىيەسى بولسا بولىدۇ، ئەمما ئۇكرائىنا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قورال-ياراغلىرى ۋە ھەربىي بازىلىرىنى ئۇكرائىنادا تۇرغۇزماسلىقى كېرەك» دېگەن شەرتنى قويغان.
بۇ يىغىندىن نەتىجە چىقمىغان. رۇسىيە ۋەكىللىرى ئۇكرائىنا ۋەكىللىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرىنى پۇتىنغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىندىن كېيىنكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «بىز تۈركىيە ۋە رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دۆلەتنىڭ كېپىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىخەتەرلىك كاپالىتى مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن بىرلىككە كېلىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە كەلگۈسىسىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىز شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قانۇنىنىڭ 5-ماددىسى بويىچە ئىش كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەگەر رۇسىيە بىلەن كېلىشىم تۈزسەك، بۇ كېلىشىم بىزگە كېپىل بولغان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىمزالىنىشى كېرەك» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر