خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتناش لىنىيەسىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۇتاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان بايلىقلارنى كۆپلەپ خىتايغا توشۇپ كەلگەنىدى. يېقىندا يەنە خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋىلايىتى ئارىسىدا تۇنجى يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.
خىتاي خەلق تورىنىڭ 29-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر لىنىيەسىگە قاتنايدىغان تۇنجى يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىغان بولۇپ، تۇنجى نۆۋەتچى پويىز 25-مارت قەشقەر ۋوگزالىدىن يولغا چىققان. مەزكۇر لىنىيە ئارقىلىق قەشقەردىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان بايلىقلار تۈركۈملەر بويىچە خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى جىنەن، چىڭداۋ، زىبو قاتارلىق شەھەرلەرگە ۋە جياڭسۇ، جېجياڭ، شاڭخەي قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەرگە توشۇلىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ باغۋەنچىلىك، ساپ پاختا، پاختا يىپ قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى خىتاينىڭ شەرقىدىكى دېڭىز بويى ئۆلكىلىرىگە توشۇلىدىكەن. ئىلگىرى قەشقەردىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان مەزكۇر مەھسۇلاتلار كۆپىنچە تاشيول ئارقىلىق توشۇلۇۋاتقان بولۇپ، توشۇش تەننەرخى يۇقىرى بولغان. يېڭىدىن قاتناش باشلانغان تۆمۈر يول لىنىيەسى خىتاينىڭ قەشقەرنىڭ بايلىقلىرىنى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇش سۈرئىتىنى ۋە مىقدارىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان، شۇنداقلا تەننەرخىنى تېخىمۇ تۆۋەنلەتكەن.
قەشقەر ۋىلايەتلىك خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى»نىڭ باشلىقى جاڭ چېڭۋېي بۇ ھەقتە: «قەشقەر-شەندۇڭ يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتنىشى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تۆمۈريول ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنى بەرپا قىلدى» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر لىنىيەدە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم نۆۋەتچى پويىز قاتنايدىغان بولۇپ، شارائىت تېخىمۇ ياخشىلانغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى بىر قېتىم نۆۋەتچى پويىز قاتناشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانلانغان.
يېقىنقى مەزگىللەردە خىتايدا ئېنېرگىيە كىرىزىسى كۆرۈلۈشكە باشلىغاندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلەشكەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆمۈر زاپىسى خىتاينىڭ ئومۇمىي كۆمۈر زاپىسىنىڭ %37 ىنى ئىگىلىگەن. نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىمۇ 30 مىليارد توننا دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئومۇمىي زاپىسىنىڭ %25 ىنى ئىگىلىگەن. ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستاندىكى شامال ئېنېرگىيەسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش مىقدارىمۇ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. خىتاي يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ساپ پاختىسى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرى، جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەردە ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا يىپلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇشنى تېزلەتكەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرىغا ئائىت ئېلان قىلىۋاتقان سانلىق مەلۇماتلارغا ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتقان بايلىقلارنىڭ خىتاي ئېلان قىلغان مىقداردىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ