خىتاي ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشىغا قوشۇلدى

خىتاي ئامېرىكا دۆلەتلىك قاتناش بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خىتايغا بېرىپ، خىتاي شەرقىي ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بوئېن يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشىغا قوشۇلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەتلىك قاتناش بىخەتەرلىك ئىدارىسى مەسئۇللىرى خىتاي قاتناش بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا تەكشۈرگۈچىلىرى ۋە تېخنىكا مەسلىھەتچىلىرىگە خىتاي ۋىزىسى بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەت خىتاي شەرقىي ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بوئېن 737-800 تىپلىق يولۇچى ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشىگە ياردەملىشىش ئىكەن.

ئامېرىكا دۆلەتلىك قاتناش بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئامېرىكا دۆلەتلىك قاتناش بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەكشۈرگۈچى خادىملىرىغا ۋىزا بەرگەندىن باشقا، فېدېراتىپ ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسىغا ۋە بوئېن 737-800 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ ماتور ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولغان «CFM» شىركىتىنىڭ تېخنىكا مەسلىھەتچىلىرىگىمۇ ۋىزا بەرگەن.

ئامېرىكا دۆلەتلىك قاتناش بىخەتەرلىك ئىدارە مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندا خىتايدا خىتاي ۋىرۇس ۋاباسى كۈچلۈك يامراپ كەتكەن بولۇپ، ئامېرىكا ھەيئىتىنىڭ خىتايغا كىرگەندىن كېيىن كارانتىن قىلىشقا ئېھتىياجلىق ياكى ئەمەسلىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. بۇ مەسىلە تېخىچە مۇزاكىرە قىلىنماقتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەتلىك قاتناش بىخەتەرلىك ئىدارىسى خىتايدا ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەندىن بۇيان خىتاي ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەن. خەلقئارا كېلىشىمگە ئاساسەن، چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلان ئامېرىكىدا لايىھەلەنگەنلىكى ۋە ياسالغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا دۆلەتلىك قاتناش بىخەتەرلىك ئىدارىسى ھادىسىنى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىش ھوقۇقى بار ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 777 قېتىم كۆرۈلدى
30/03/2022 13:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق