خىتاي: ئامېرىكا ۋەكىللىرىمۇ ئافغانىستان ھەققىدىكى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 30- ۋە 31-مارت كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئامېرىكا ۋەكىللىرىنىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 29-مارت ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشىغا ئامېرىكا ۋەكىللىرىنىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەر قەيت قىلىنىشىچە، 3-نۆۋەتلىك ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى 3-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسى تۇنشى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن ۋە شۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىدىكەن. مەزكۇر سۆھبەت يىغىنىغا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن.

ۋاڭ يى يېقىندا كابۇلدا ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئابدۇغەنى بىرادەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، سۆھبەتتە ئافغانىستاننىڭ ھەر قانداق تاشقى كۈچنىڭ ئافغانىستان زېمىنىنى ئىشلىتىپ قوشنا دۆلەتلەرگە قارشى تۇرۇشىغا ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزمەسلىككە بەرگەن ۋەدىسىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى بەرگەن ۋەدىسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 728 قېتىم كۆرۈلدى
30/03/2022 13:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق