خىتاي ئوقۇغۇچى ئاۋسترالىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى

يېقىندا ئاۋسترالىيەگە بارغان بىر خىتاي ئوقۇغۇچى چېگرادا تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، قوغلاپ چىقىرىلغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 29-مارت قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاۋسترالىيەگە كىرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ سوراق قىلىنغانلىقى ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئاۋسترالىيە تەرەپنىڭ ھەرىكىتىگە «قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەن.

«خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» بۇ ئىشتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ۋە بىر ئاي ئىلگىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاۋسترالىيەگە ئوقۇشقا ماڭغان ئىككى خىتاي ئوقۇغۇچى سىدنېي خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا كىرگەندە، ئاۋسترالىيە تاموژنا خادىملىرى  تەرىپىدىن سوراق قىلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇلغان. بۇنىڭ سەۋەبى مەزكۇر خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەربىي مەشىق تارىخىنى يوشۇرغانلىقى ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 866 قېتىم كۆرۈلدى
29/03/2022 14:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق