خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشقا سېلىۋاتقان مەبلەغنى زور دەرىجىدە كۆپەيتتى

خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانى بويىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى تاش يول ۋە تۆمۈر يول لىنىيەسىنى كۆپلىگەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۇتاشتۇرغانىدى. يېقىندا خىتاي يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاۋىياتسىيە قۇرۇلۇشىغا زور كۆلەمدە خىراجەت ئاجرىتىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندىكى ئايرودۇرۇم تۈرىگىلا 7 مىليارد 880 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 28-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئاۋىياتسىيەسى ئاتالمىش «شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى» بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندا «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە ئاۋىياتسىيە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش»، «ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش»، «كىرىش-چىقىشنى تېزلىتىش» ناملىرىدا «تۆت ئەندىزىلىك ئايروپورت» قۇرۇلۇشىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى ۋە بۇ تۈرگە 7 مىليارد 880 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان.

خىتاي بۇ پىلانغا ئاساسەن تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش بىلەن بىرگە، ھەممىباب ئاۋىياتسىيە بىلەن باشقا قاتناش شەكىللىرىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيەلەر تۇتاشقان قىسقا مۇساپىلىك تىرانسپورت تورىنى شەكىللەندۈرمەكچى بولغان. شۇنداقلا مەزكۇر ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئاتالمىش «ھاۋا يىپەك يولى» بەرپا قىلىپ، ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرمەكچى بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئاۋىياتسىيەسى بۇ يىل خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەت قىلىشى ۋە كۆپلەپ كۆچۈپ كېلىشىنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدىكەن. موڭغۇلكۈرە، تاشقورغان، ئارال ئايرودۇرۇمىدىن ئىبارەت ئۈچ ئايرودۇرۇمنى پۈتكۈزىدىكەن. خېجىڭ، شەرقىي جۇڭغار، باركۆل ئايرودۇرۇمىدىن ئىبارەت ئۈچ ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنى باشلايدىكەن. قەشقەر، تۇمشۇق ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى پۈتكۈزۈپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى تېزلىتىدىكەن. شۇنداقلا تۇرپان، قاراماي، نارات ئايرودۇرۇمى ۋە خوتەن ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدىكەن. بۈگۈر، قۇبۇقسار، شىخو، چەرچەن (دىۋىزىيە) ئايرودۇرۇمىنى يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىدىكەن.

گەرچە خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاتناش ساھەسىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان بايلىقلارنى خىتايغا كۆپلەپ توشۇش ۋە خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا يەرلىشىشىنى تېزلىشىش مەقسىتىدە بەرپا قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1155 قېتىم كۆرۈلدى
29/03/2022 14:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق