ماشىڭرۈي ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قايتا-قايتا تەكىتلىمەكتە

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يالغان تەشۋىقاتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇش» كېرەكلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىمەكتە.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي قورچاق ئەمەلدار زۇمرەت ئوبۇل، ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار بىلەن بىرگە 25-مارت ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتى» ۋە ئىسلام ئىنستىتۇتىنى زىيارەت قىلغان. ما شىڭرۈي زىيارەت داۋامىدا: «شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

ما شىڭرۈي يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش مەقسىتىدە تەسىس قىلغان ئاتالمىش «ئىسلام دىنى جەمئىيىتى»دىكى قورچاق ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشكەندە: «دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتى، قانۇن-نىزام تەشۋىق-تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك» دەپ جار سالغان.

خىتاي رېجىمى 2017-يىلىدىن باشلاپ ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى» ناملىق پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا ۋە تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنى خىتاي مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا. شۇنداقلا ئاتالمىش «مىللەتلەرنى ئۆزئارا قوشۇۋېتىش» پىكىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ئومۇميۈزلۈك باستۇرماقتا ۋە بۇ جەرياندا خىتاينىڭ سىياسىتىگە توسالغۇ بولىدىغان شەخس ۋە تەشكىلاتلارنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن كۆزدىن يوقاتماقتا. ئۇندىن باشقا خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش، سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش» نامىدىكى تېررور سىياسەتلىرىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق تەرىقىدە داۋاملىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ھەرخىل رەزىل ۋاسىتىلەر ۋە تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ماددىي، مەنىۋى مەدەنىيىتىنى چەكلەپ، ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت چېقىۋېتىلگەن ياكى بۇزۇۋېتىلگەنلىكىنى، نەچچە مىڭلىغان ئۆلىمانىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ياكى تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلەشلىرىگە قارىماي، يەنىلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە، شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىدىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى كۆرمەس بولۇۋالغانلىقىنى، نەتىجىدە خىتاينىڭ خاتىرجەم ھالدا تېررور سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ ۋەھشىيلەرچە ئىجرا قىلىشنى تەكىتلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1092 قېتىم كۆرۈلدى
29/03/2022 12:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق