فىلىپپىن خىتاينى ئەيىبلىدى

فىلىپپىن خىتاي دېڭىز ساقچى ئەترىتى پاراخوتىنىڭ فىلىپپىن دېڭىز تەۋەلىكىگە يېقىنلاشقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى 27-مارت بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ يېقىندا تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزدا ھەرىكەت قىلىپ، يېقىن ئەتراپتىكى فىلىپپىن پاراخوتلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا دېيىلىشىچە، مەزكۇر ۋەقە 2-مارت خىتاي خۇاڭيەن ئارىلى دەپ ئاتايدىغان، فىلىپپىنلىقلار بايودې ماسىنلوك دەپ ئاتايدىغان ئارالنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن. فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى ئەينى ۋاقىتتا دېڭىزدا چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقانىكەن.

فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى خىتاي چوقۇم غەربىي فىلىپپىن دېڭىزىغا مەسئۇل بولغان فىلىپپىن دۆلەتلىك ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك ئىكەن. بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق بولغىنى خىتاي دېڭىز قىرغىقى ساقچى ئەترىتىنىڭ 3305-نومۇرلۇق پاراخوتى ئىكەن. خىتاينىڭ مەزكۇر پاراخوتى فىلىپپىننىڭ مالابۇلىگو پاراخوتىنىڭ پائالىيەت رايونىنى چەكلەپ، 1972-يىلى يولغا قويۇلغان دېڭىزدا سوقۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى خەلقئارا ئەھدىنامىگە خىلاپلىق قىلغان.

فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ قوماندانى ئارتېمىيو ئەبۇنىڭ ئېيتىشىچە، فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن قائىدە-نىزام ئاساسىدىكى تىنچ ئۇسۇل ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە خىتاينىڭ مانىلادىكى باش ئەلچىخانىسى بۇ مەسىلە ھەققىدە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 662 قېتىم كۆرۈلدى
29/03/2022 12:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق