شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا دۇچ كېلىپ، ئوسال ئەھۋالغا قالغان خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 49-نۆۋەتلىك يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللارنى باستۇرۇش جىنايىتىنى يەنە بىر قېتىم ئىنكار قىلدى.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 49-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر» ناملىق قوشۇمچە يىغىنى 24-مارت شىئەندە ئېچىلغان. خىتاي يىغىندا بىر تۈركۈم ياللانما مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئاتالمىش دوكلاتلىرى ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ خورلاش، ئائىلىلەرنى پارچىلاش قاتارلىق ۋەھشىيانە جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، خەلقئارانى ئالداشقا ئۇرۇنغان.
يىغىنغا خىتاينىڭ بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن كەلگەن ئاتالمىش مۇتەخەسسىسلەر، قورچاق ئەمەلدارلاردىن ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زۇلھايات ئىسمائىل، ئاتالمىش «شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى» مەدەنىيەت ۋە تاراتقۇ ئىنستىتۇتىنىڭ لېكتورى دەنا باۋۇرجان قاتارلىقلار قاتناشقاندىن سىرت، شەرقىي تۈركىستاندىن ئېلىپ بېرىلغان ئاياللار قاتناشتۇرۇلغان.
يىغىندا زۇلھايات ئىسمايىل: «ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ تۈرلۈك قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى ئۈنۈملۈك قوغدالدى. شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تولۇق تەرەققىي قىلدى» دەپ بىلجىرلىغان.
دەنا باۋۇرجانمۇ سۆز قىلىپ: «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىنىڭ مائارىپنى قوبۇل قىلىش ھوقۇق-مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە بولدى» دەپ چالۋاقىغان.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك دېمەستىن جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ، ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، جۈملىدىن ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، سۈرگۈن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايەتلىرى خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ خەۋەر قىلىنماقتا ھەمدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتلىرى، جازا لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان شاھىتلارنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى خىتاي تەشۋىقاتلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە.
جۈملىدىن خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل 15-فېۋرال شەرقىي تۈركىستاندا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي رېجىمى 2022-يىلى ئاتالمىش «يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» باھانىسى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىككى مىليون 750 مىڭ كىشىنى باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىشنى پىلانلىغان. خىتاينىڭ بۇ جىنايەت پىلانلىرى «ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تەرتىپلىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، سىرتقا چىقىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن پەردازلانغان.
خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سىستېمىلىق ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، جازا لاگېرى ياكى تۈرمىلەرگە قامىغاندىن باشقا، يۇقىرىقى يىغىندا دەۋا قىلغىنىنىڭ دەل ئەكسىچە، ئاياللارنىڭ بارلىق ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلماقتا. گەرچە خىتاي رېجىمى بۇ جىنايەتلىرىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، قاتمۇقات تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈپ تارقىلىۋاتقان چەكلىك سىنلار ۋە خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەرلىرى، شۇنداقلا گۇۋاھچىلارنىڭ بەرگەن ئىسپاتلىرى خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىقىنى پاش قىلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ