ئامېرىكا خىتاي شىركەتلىرىنى بىخەتەرلىك تەھدىتى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئالاقە كومىتېتى (FCC) رۇسىيەنىڭ «Kaspersky» تەجرىبىخانىسى بىلەن خىتاينىڭ تېلېگراف شىركىتى ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنى «ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولىدىغان ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى ۋە مۇلازىمىتى» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 26-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئالاقە كومىتېتىنىڭ باشلىقى بىرېندان كارنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر خىتاي شىركەتلىرىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش خىتاي ۋە رۇسىيە قوللىغان خاككېرلارنىڭ ئامېرىكا مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ تەھدىتىدىن قوغدىنىشقا پايدىلىق ئىكەن.

ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئالاقە كومىتېتى 2019-يىلى ماقۇللانغان قانۇنغا ئاساسەن خۇاۋېي تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، جۇڭشىڭ شىركىتى، شېنجېن خەينېڭدا شىركىتى، خاڭجۇ خەيكاڭ شىركىتى ۋە جېجياڭ داخۇا تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق بەش خىتاي شىركىتىنى دۆلەت بىخەتەرلىك تەھدىتى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى. Kaspersky تەجرىبىخانىسى بۇ تىزىملىككە كىرگەن تۇنجى رۇسىيە شىركىتى بولۇپ قالغان.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئۇزۇندىن بۇيان Kaspersky يۇمشاق دېتالىنى ئىشلەتكەندە ئامېرىكا تورىنىڭ موسكۋادىن كەلگەن يامان غەرەزلىك پائالىيەتلەرگە ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك 2017-يىلى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئالاقە كومىتېتىنىڭ Kaspersky نىڭ بايراقدار ۋىرۇسخور مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەركىزى موسكۋادا تۇرۇشلۇق Kaspersky ئىزچىل تۈردە ئۆزىنىڭ رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قورالى ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ كەلگەن.

خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىنقى جۈمە بۇ ھەقتە ئىنكاس بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئالاقە كومىتېتى پاكىت ئاساسى يوق ئەھۋال ئاستىدا دۆلەت ھوقۇقىنى يەنە بىر قېتىم سۇيىئىستېمال قىلىپ، خىتاي تېلېگراف شىركەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى. ئامېرىكا خىتاي شىركەتلىرىگە ناھەق زەربە بېرىش قىلمىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك» دەپ جار سالغان.

خىتاي ئەلچىخانىسى يەنە خىتاي تەرەپنىڭ زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما مەزكۇر خىتاي شىركەتلىرى بۇ مەسىلىگە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 728 قېتىم كۆرۈلدى
28/03/2022 14:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق