شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كۈچ كۆرسىتىشى

24-مارت بىر كۈن ئىچىدە بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ چوڭ خەلقئارالىق يىغىن ئېچىلدى. بۇ يىغىنلارنىڭ بىرىنچىسى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا 30 دۆلەتنىڭ يىغىنى، ئىككىنچىسى G7 دۆلەتلىرىنىڭ يىغىنى، ئۈچىنچىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يىغىنى بولدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا بۇ تەشكىلاتقا ئەزا 30 دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى قاتناشقان. تۈركىيەگە ۋاكالىتەن پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىب ئەردوغان قاتناشقان. يىغىنغا قاتناشقان دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى رەتلىك كىيىنگەن، ئەمما ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون مۇنداقچىلا كىيىنگەن بولۇپ، ھەتتا چاپىنىنىڭ تۈگمىلىرىنىمۇ ئەتمىگەن. دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىچىدە تۆت ئايال مىنىستىر بولۇپ، ئۇلار سىلوۋاكىيە پىرېزىدېنتى زۇزانا كاپۇتوۋا، دانىيە باش مىنىستىرى مېتې فىرېدېرىكسېن، ئىستونىيە باش مىنىستىرى كايا كالاس ۋە ئىسلاندىيە باش مىنىستىرى كاترىن جاكوبسدوتىر ئىكەن.

يىغىن رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلىنىپ بىر ئاي بولغان ۋاقىتتا ئېچىلغان بولغاچقا، دۇنيانىڭ دىققىتى بۇ يىغىنلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن 1400 مۇخبىر قاتناشقان.

ئالدىنقى ئايلاردا فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى تەنقىد قىلىپ: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مېڭىسى ئۆلدى» دېگەنىدى. بۇ يىغىن شۇنىڭدىن كېيىنلا ھەم رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە ئېچىلغان بولغاچقا، خەلقئارادىكى سىياسىيونلار ۋە كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كۈچ كۆرسەتتى، دەپ قارالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۆلگەن مېڭىسىنى تىرىلدۈردى، شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا-ياۋروپا بىخەتەرلىك كېڭىشى ئۆزىنىڭ تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، دېيىلگەن.

يىغىن داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنىسكى تور ئارقىلىق يىغىنغا قاتناشقان. ئۇ ئالدى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت رەھبەرلىرىگە ئۇكرائىنانى قوللىغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۇكرائىنا ھاۋا تەۋەلىكىدە بارلىق ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىنى چەكلەش توغرىلىق قارار چىقىرىشىنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلغان. ئۇ سۆزىدە: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 20 مىڭ تانكىسى بار. ئەمما بىزگە بۇ تانكىلارنىڭ %1 ىنىمۇ ياردەم قىلمىدىڭلار. نەچچە مىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانىڭلار بار، ئەمما بىر ئايروپىلانمۇ ياردەم قىلمىدىڭلار. بىزگە ئايروپىلان تانكىلىرىڭلاردىن ياردەم قىلىڭلار، ھېچبولمىسا سېتىپ بېرىڭلار» دەپ دەرد تۆككەن. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بولسا زېلېنىسكىنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلغان. رەت قىلىش سەۋەبىنى «بىز ئەگەر ئۇكرائىنا ھاۋا تەۋەلىكىدە بارلىق ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىنى چەكلىسەك ۋە ئايروپىلان، تانكا قاتارلىقلاردىن ياردەم قىلساق، بۇ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇشقا كىرگەنلىك بولىدۇ» دېگەن.

يىغىندا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەزالىرى رۇسىيەگە قارشى داۋاملىق ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ئورتاق پىكىرگە كەلگەن. ئۇكرائىنانى رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە تانكىلىرىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئادەمسىز ئايروپىلانلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى توغرۇلۇق قارار چىقىرىلغان. ھەربىي ۋە ئارقا سەپ تەمىناتى جەھەتلەردىمۇ قوللايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەشكىلاتقا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە قارار چىقىرىپ، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا كېلىشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. رۇسىيەگە ئەگەر چېكىدىن ئېشىپ كەتسە، قارشىسىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئارمىيەسىنى كۆرىدىغانلىقى ئېنىق بىلدۈرۈلگەن. يىغىندا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جېنس سىتولتېنبېرگنىڭ ۋەزىپىسى 2023-يىلى 30-سېنتەبىرگىچە يەنە بىر يىل ئۇزارتىلغان.

يىغىندا يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى بۇلغارىيە، رومىنىيە، ۋېنگىرىيە ۋە سىلوۋاكىيە قاتارلىق تۆت دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى، بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى ھەربىي بازىسىنىڭ سەككىزگە يېتىدىغانلىقى ئېيتىلغان. يىغىن جەريانىدا ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىن ئىبارەت مۇستەقىل بىر دۆلەتكە تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون ۋىلادىمىر پۇتىننى قاتتىق تەنقىد قىلىپ: «قىزىل سىزىقتىن ھالقىپ كەتتى، پۇتىن بىر ۋەھشىي قانخور» دېگەن. ئېستونىيە باش مىنىستىرى كايا كالاس بولسا: «ئۇرۇش جىنايەتچىسىنى توختىتىشىمىز كېرەك» دېگەن. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جېنس سىتولتېنبېرگ: «پۇتىن مۇستەقىل بىر دۆلەتكە تاجاۋۇز قىلىپ ناھايىتى چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدى، بىز رۇسىيەگە ئېغىر بەدەل تۆلەتكۈزىمىز» دېگەن.

يىغىندا يەنە خىتاينىڭ رۇسىيەگە قىلىۋاتقان ياردەملىرى ئاساسلىق مۇزاكىرە قىلىدىغان باش تېمىلاردىن بىرى بولغان. سىتولتېنبېرگ خىتاينى رۇسىيەگە ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن ياردەم قىلماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغان.

خەۋەردە يېزىلىشىچە، ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن ياۋروپا ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيەگە قارشى يولغا قويغان ئېمبارگوسىنىڭ سانى 3646 بولۇپ، ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن يەنە 2754 خىل ئېمبارگو يۈرگۈزگەن. بۇنىڭ بىلەن رۇسىيەگە يۈرگۈزگەن ئېمبارگو 6400 گە يەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا ئەڭ كۆپ جازالاش تەدبىرىنى يولغا قويغان دۆلەت بولۇپ، ھازىرغىچە يۈرگۈزگەن جازا تەدبىرلىرى 678 گە يەتكەن. ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىرانغا 3616، سۇرىيەگە 2608، شىمالىي كورىيەگە 2077، ۋېنېزۇئېلاغا 651، بېرمىغا 510 ۋە كۇباغا 208 خىل جازا تەدبىرى يولغا قويغان.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى ئۈچ سائەت داۋاملاشقان بولۇپ، يىغىندا يەنە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك بىر نەچچە تۈرلۈك قارار قوبۇل قىلىنغان.

يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن بولۇپ، بۇ جەرياندا تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون ۋە ئىتالىيە باش مىنىستىرى مارىيو دىراگى بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەشكەن. سۆھبەت دوستانە كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكەن بولۇپ، بۇ ئۈچ دۆلەت بۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئۇقۇشماسلىق ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە كۈلتۈر-مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز بولسا چارچاپ كېتىپ، ئۇخلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ خاتىرە سۈرىتىگە چۈشىدىغانغا ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 839 قېتىم كۆرۈلدى
28/03/2022 10:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق