خىتاي بۇ يىللىق سۈرگۈن پىلانىنى ئاشكارىلىدى

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئاتالمىش «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا رايونلىرىغا مەجبۇرى سۈرگۈن قىلىپ كەلگەن ئىدى. خىتاي بۇ يىللىق سۈرگۈن قىلىش پىلانىنى ھەمدە ئالدىنقى يىلدا 3 مىليوندىن كۆپ يېزا ئاھالىسىنى باشقا يۇرتقا مەجبۇرى سۈرگۈن قىلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

خىتاي رېجىمى2017‏-يىلى 2‏-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، تەخمىنەن ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغاندىن كېيىن، لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

خىتاي خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، 2018-يىلى بىر يىل ئىچىدە خىتاينىڭ شەنشى، جاڭشى، خۇنەن، فۇجيەن، شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلىرىگە 600 مىڭ كىشىنى مەجبۇرىي سۈرگۈن قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى ياشلار ئىكەن.

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتى 2019‏-يىلى بىر يىل ئىچىدە 480 مىڭ 900 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 2019‏-يىلى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى %87 پىرسەنت ئاشۇرۇپ ئورۇندىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي رېجىمى 2020-يىلى 6-ئايغىچە 50 مىڭ شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنى ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلغان.

خىتاي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تورىنىڭ 24-مارت خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 22-مارت كۈنى خوتەن ئالى تېخىنىكوم مەكتىپىدە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر مۇراسىمغا خىتاينىڭ 37 قۇرۇلۇش شىركىتى قاتناشقان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ مۇراسىمغا ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا تەرەققىيات بۆلۈمى، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى، ئادەم كۈچى بايلىقى مەركىزى قاتارلىقلار ساھىبخانلىق قىلغان بولۇپ، خوتەن ۋىلايەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش ئىدارىسى، خوتەن شەھەرلىك ئالىي تېخنىكوم مەكتىپى ھەمكارلاشقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى كېيىنكى قەدەمدە، ھەر خىل خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يەرمەنكىسىدىن 200 قېتىم ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرغىچە ئاتالمىش «نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا شەھەر ئاھالىسىدىن 22 مىڭنى، يېزا ئاھالىسىدىن 632 مىڭ ئادەمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان.

خىتاي ئۆي مۈلۈك ئۇچۇر تورىنىڭ 23-مارت خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە، ئاتالمىش «نامراتلارنى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش، يېزا ئېشىنجا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» سەپسەتىسى بىلەن 477 مىڭ 400 نەپەر شەھەر-بازار ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %3.5 ئاشۇرغانلىقىنى، يېزا ئاھالىسىدىن 3 مىليون 174 مىڭ ئادەمنى باشقا يەرلەرگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئىقتىسادىي ياردەم ۋە ئېتىبار سىياسەتلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل ناملار بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىپ، قىرغىن قىلىش ھەمدە خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1418 قېتىم كۆرۈلدى
26/03/2022 15:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق