چايىرئوۋادا شەرقىي تۈركىستان ...


6-مارت ئىستانبۇل چايىرئوۋا قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى چايىرئوۋا قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە «شەرقىي تۈركىستان ھەقىقەتلىرى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. 
پائالىيەتكە مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى تولۇق قاتناشتى.
دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى، ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرىنى تەسس قىلىپ، ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق خەلقىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، ھەتتا بىر قسىم كىشىلەرنىڭ تۈرمە ۋە لاگېرلاردىكى قىيىن-

قىستاقلاردا قىرغىن قىلىنغانلىقى قاتارلىق خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

 

بۇ خەۋەر 12388 قېتىم كۆرۈلدى
07/03/2019 17:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق