خىتاي پەلەستىن خەلقىنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇندى

خىتاي بۇ قېتىم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە پەلەستىن خەلقىنى ئالداشقا ئۇرۇندى.

22-مارت خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورگان تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ پەلەستىندە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون» دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدا سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنغان.

مەزكۇر مۇھاكىمە تور يىغىنىغا پەلەستىن ئىجتىمائىي تەرەققىيات مىنىستىرى ئەھمەد مەجدالانى ۋە پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى (فەتىھ)نىڭ ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتى ۋە خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى مۇدىرى ئەلى مەشئەل ھەمدە پەلەستىندىكى قىسمەن پارتىيە ۋەكىللىرى قاتناشقان.

مۇھاكىمە يىغىندا خىتاي تەرەپتىن ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم» رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قورچاق ئەمەلدار مەڭلىك سېيىت تور ئارقىلىق قىلغان سۆزىدە: «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالى مۇقىم، ئىقتىسادى تەرەققىي قىلدى، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلاندى، دىن سىياسىتى ياخشى» دەپ بىلجىرلاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان لاگېرلارغا قاماش، دىندىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يالغانغا چىقارغان. ھەتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى «غەرب ئەللىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان» دېگەندەك يالغان سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق پەلەستىن خەلقىنىڭ دىققىتىنى باشقا تەرەپكە بۇراشقا ئورۇنغان.

قورچاق ئەمەلدار مەڭلىك سېيىت يەنە بىلجىرلاپ: پەلەستىنلىك دوستلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى ھېس قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يىغىندا يەنە خىتاينىڭ پەلەستىندە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇدىرى گو ۋېي بىلجىرلاپ: «خىتاي -پەلەستىن ئىككى دۆلەت ۋە ئۇنىڭ خەلقى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قەدىرلەيدۇ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى تەشەببۇس قىلىدۇ» دېگەن.

مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە ساختا فىلىم قويۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىنتايىن ياخشى تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، بىراق غەرب ئەللىرىنىڭ ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىپ، تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يىغىنغا قاتناشقان ئەرەبلەرنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنغان.

يىغىندا پەلەستىن ئىجتىمائىي تەرەققىيات مىنىستىرى ئەھمەد مەجدالانى ۋە پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى (فەتىھ)نىڭ ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتى ۋە خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى مۇدىرى ئەلى مەشئەل قاتارلىقلار بولسا خىتاينىڭ سەپسەتىلىرىنى تولۇق قوللىغان ئاساستا سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ يالغان خەۋەرلەر ئارقىلىق ھەقىقەتنى بۇرمىلاپ خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى چەكلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدە ئىرقچىلىق، مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىشكە ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بارلىقىنى، شۇڭلاشقا ئامېرىكىنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشتا قوش بىسلىق مۇئامىلە قىلماسلىقىنى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ چالۋاقىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1421 قېتىم كۆرۈلدى
25/03/2022 14:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق