شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى 22-مارت «شەرقىي تۈركىستان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» سەرلەۋھەلىك يېڭى دوكلاتىنىڭ تۈركچە نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى.
مەزكۇر دوكلات تۆت بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، دوكلاتنىڭ بېشىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تاجاۋۇزىدىن ئىلگىرىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىش تارىخى، ئىشغالىيەتتىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلغان ئىسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ۋەھشىيانە سىياسەتلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئىسپاتلاپ بېرىلگەن.
دوكلاتتا مۇنۇلار تىلغا ئېلىنغان: «خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا 29 مىڭ 500 مەسچىت بار بولۇپ، 1965-يىلىغىچە 15 مىڭ 400 مەسچىتنى مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن. ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»نىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئەسلىدە بار بولغان 14 مىڭ 100 مەسچىت خىتاي تەرىپىدىن ھەرخىل باھانىلەر بىلەن ئۈزلۈكسىز چېقىلىپ، ئارانلا 1400 مەسچىت قالغان».
دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى رەسمىي باشلىغانلىقى، 1962-يىللىرى 60 مىڭدىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك قازاقىستانغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانلىقى، شۇنداقلا خىتاي 1966-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلغان ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدىكى قىرغىن قىلىش، ئىسلام دىنىنى باستۇرۇش سىياسەتلىرى دەلىل-پاكىتلىق ئىسپاتلاپ بېرىلگەن. ئۇندىن باشقا 1997-يىلى غۇلجا شەھىرىدە خىتاينىڭ سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىش قىلمىشىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن 3000 ياشنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە شۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە يەنە 65 مىڭ كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، 2009-يىلى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىكى ۋەھشىي باستۇرۇشتا ئاز دېگەندە 1500 كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى قاتارلىق جىنايەتلىرىنىڭ جەريانى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىمان-ئېتىقادى، مىللىي كىملىكى، قىممەت قاراشلىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتەك رەزىل پىلانىغا ئاساسەن، 2014-يىلىدىن باشلاپ زور كۆلەمدە جازا لاگېرى تەسىس قىلغانلىقى، 2017-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە جازا لاگېرلىرىنىڭ 1400 دىن ئاشقانلىقى، لاگېرلارغا قامالغانلارنىڭ 2018-يىلى ئۈچ مىليوندىن ئاشقانلىقى، نۆۋەتتە بولسا بەش مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، ئۇندىن باشقا خىتاي رېجىمىنىڭ 2019-يىلىغىچە زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى خىتاينىڭ ياتاقلىق مەكتەپلىرىگە سولاپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىغان ئاساستا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تەربىيەلەشكە باشلىغانلىقى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۇندىن باشقا دوكلاتتا يەنە يېقىنقى دەۋرلەردە بوسنىيە، ئاراكان قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق نۆۋەتتە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن سانلىق مەلۇمات، داۋام قىلىش جەريانى قاتارلىق نۇقتىلار بويىچە سېلىشتۇرما قىلىنغان ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ كۆپلۈك جەھەتتىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
دوكلاتتا يەنە خىتاي ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى، نوپۇس چەكلەش ئۈچۈن يولغا قويغان مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش جىنايەتلىرى ئەمەلىي دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن. جۈملىدىن خىتاي رېجىمى 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلارنىڭ 800 مىڭدىن ئاشقانلىقى، بىر تۈركۈم دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلغانلىقى ھەققىدىكى قارارلىرى، خەلقئارادىكى مۇستەقىل سوت كوللېگىيەسىنىڭ خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدە چىقارغان ھۆكۈمى، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشتىكى مەقسىتى، ئاساسلىق ۋاسىتىلىرى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ