«ۋەتەنسىزلىك – قەدىرسىزلىك» ناملىق كىتاب نەشردىن چىقتى

تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا يىللاردىن بېرى ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ كېلىۋاتقان مۇھەممەد تۇرسۇن ئۇيغۇر ئەپەندى ئۆزىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرەش ھاياتىنى تەسۋىرلەپ يازغان «ۋەتەنسىزلىك – قەدىرسىزلىك» ناملىق كىتاب نەشردىن چىقتى.

مەزكۇر كىتاب مۇھەممەت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ «يۈز مەشھۇر ئۇيغۇر» ناملىق كىتابىدىن كېيىن نەشر قىلدۇرغان ئىككىنچى كىتابى بولۇپ، يازغۇچىنىڭ قەھرىمانلارچە ئۆتمۈش خاتىرىسى، ئىزدىنىشلىرى، مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر ئىچىدىكى تېڭىرقاش-گاڭگىراشلىرى، ئاخىرى چىقماس كۆڭۈلسىزلىكلىرى، ئارزۇ-ئارمانلىرى، قەتئىي ئىرادە بىلەن تاشلانغان قەدەملىرى، ھەركىمنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان جاسارىتى ۋە قەھرىمانلىق ھەرىكەتلىرى خاتىرىلەنگەن.

يازغۇچى كىتابىدا 1972-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بېشىدىن ئۆتكەن، بىلگەن، ئاڭلىغان، قاتناشقان ۋە كۆرگەنلىرىدىن مۇھىم دەپ قارىغان كۈرەش جەريانلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بېسىپ ئۆتمەكچى بولغان يوللىرىنىڭ توغرا-خاتاسىنى ئايرىش، كەلگۈسى كۈرەش داۋامىدا خاتالىقلارنى تەكرارلىماسلىق، ساۋاق ۋە ئىلھام بېرىش مەقسىتىدە يېزىپ چىققان.

يازغۇچى كىتابىدا نۇرغۇن كىشىلەر تىلغا ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ھايات قەدەملىرىنى، كەچۈرمىشلىرىنى، ئويلىغانلىرىنى، سۆزلىگەنلىرىنى، قىلغانلىرىنى ۋە ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن ۋەتەنداشلىرى ئالدىغا قويۇپ ئورتاقلاشقان.

كىتابتا يەنە يازغۇچىنىڭ تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسى يولىدا ھەرقانداق جاپا-مۇشەققەتتىن، مالامەتتىن قورقماي، 2008-يىلى بېيجىڭدا ئولىمپىك مەشئىلى يانغاندا ئۇنىڭغا قارشى ئۆزىنى مەشئەل قىلىپ ياندۇرۇپ، بۇ پىداكارلىقى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەش ئىرادىسىنى نامايان قىلغان پىداكارلىق پەيتلىرىنىڭ تەپسىلاتى يېزىلغان.

كىتابتا يىگىرمە-ئوتتۇز يىلدىن بېرى تۈركىيەدە داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشى جەريانى ھەرخىل نۇقتىلار بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن. كىتاب جەمئىي 796 بەت بولۇپ، بېغىشلىما ۋە كىرىش سۆزدىن باشقا، جەمئىي توققۇز باب، 112 ماۋزۇدىن تەركىب تاپقان. كىتابنىڭ باشتىكى 200 بەتلىك قىسمىدا مۇھەممەت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ 1972-يىلى بالىلىق دەۋرىدىن تارتىپ 1997-يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرى ۋەتەندىن ئايرىلغىچە بولغان ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار يېزىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى قىسمىدا 1997-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ 2019-يىلىغىچە بولغان مۇھاجىرلىق ھاياتى يېزىلغان.

نۆۋەتتە مەزكۇر كىتاب ئىستانبۇلدىكى سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسى ۋە تەكلىماكان كىتابخانىسىدا سېتىلىشقا باشلىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1255 قېتىم كۆرۈلدى
23/03/2022 13:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق