خىتاي ئۈرۈمچىگە نوپۇس يۆتكەشنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلدى

خىتاي 2016-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلىرىدىن ئۈرۈمچىگە نوپۇس يۆتكىگەن ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ تۇتقۇن قىلغانىدى. بۇ جەرياندا ئۈرۈمچى دائىرىلىرى يېڭى كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى يۇرتىدىن تونۇشتۇرۇش ئېلىپ كېلىشكە قىستىغان. ئەمما يۇرتىدىكى دائىرىلەر ھەرخىل باھانىلەر بىلەن تونۇشتۇرۇش خېتى قىلىپ بەرمىگەنلىكتىن، ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ تىجارەتلىرى ۋەيران بولغانىدى.

خىتاي دىۋىزىيە تورىنىڭ 22-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 20-مارت «نوپۇس كۆچۈرۈش سىياسىتى مۇلازىمەت باشقۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشىلاش توغرىسىدىكى (سىناق نۇسخا) ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلغان. ئۇقتۇرۇشتا ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، كەسپىي ماھارەت ئىگىلىرى، ئىختىساسلىق خادىملار، ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغانلار، ئولتۇراقلاشماقچى بولغانلار، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ مەزكۇر ئەڭ يېڭى سىياسەتتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئۈرۈمچى ج خ ئىدارىسى نوپۇس باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ دائىملىق ئولتۇراقلاشقان نوپۇسنى باشقۇرۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقى يۇڭتاۋ مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى تونۇشتۇرۇپ: «بۇ نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىدە نوپۇس كۆچۈرۈشنىڭ يوللىرى كۆپ، شەرتى ئاددىي» دېگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كۆپ سانلىق ئۇيغۇر خەلقى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن يۇرتلىرىغا قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشتا تىلغا ئېلىنغان «شەرتى ئاددىي» بولغان نوپۇس كۆچۈرۈش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە چەك قويۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1903 قېتىم كۆرۈلدى
23/03/2022 13:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق