خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 49-نۆۋەتلىك يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە يالغۇز قېلىش ئالدىدا تۇرغان خىتاي، بىر تۈركۈم ئاتالمىش ئالىملارنى ھەرخىل شەكىلدە سېتىۋېلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش، قىرغىن قىلىش مەسىلىلىرىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل 15-فېۋرال شەرقىي تۈركىستاندا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدىكى خىزمەتلەر خۇلاسىلەنگەن ۋە بۇ يىللىق پىلانلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر پىلانغا ئاساسلانغاندا، خىتاي رېجىمى 2022-يىلى ئاتالمىش «يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» باھانىسى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىككى مىليون 750 مىڭ كىشىنى باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىدىكەن. خىتاينىڭ بۇ جىنايەت پىلانلىرى «ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تەرتىپلىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، سىرتقا چىقىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن پەردازلانغان.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 21-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى مەسئۇل بولۇپ 16-مارت كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 49-نۆۋەتلىك يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى» باش تېمىسىدا تور ئارقىلىق يىغىن ئۆتكۈزگەن.
يىغىنغا خىتاي تەرەپتە تۇرۇۋاتقان رۇسىيە، پاكىستان، كۇبا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن نۇرغۇن ياللانما مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملار نەق مەيدان ياكى تور ئارقىلىق سىنلىق سۆز قىلغان. ئۇلار سۆزلىرىدە: «شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىدى» دەپ بىلجىرلاشقان.
تور يىغىنغا يەنە خىتاينىڭ ب د ت جەنۋەدە تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەلچىسى جياڭ دۇەن قاتناشقان. ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ شىنەن سىياسىي - قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى جاڭ يۇڭخې، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مىڭ جۇ قاتارلىق ياللانما ئالىملار خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە: «شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەسىلىسى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. پاراۋانلىق تەمىناتى ياخشى بولغاچقا، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى تاللىدى. غەرب ئەللىرى شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشتى» دەپ بىلجىرلاشقان.
ئاخىرىدا، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن قورچاق مۇدىرى ئەركىن سامساق سۆز ئېلىپ: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەر قەدىر-قىممىتى بىلەن ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق تۇرمۇش سۈپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى» دەپ چالۋاقىدى.
خىتاي رېجىمى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سىستېمىلىق ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، جازا لاگېرى ياكى تۈرمىلەرگە قامىغاندىن باشقا، تۈرمە ياكى لاگېر سىرتىدا قالغان ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. گەرچە خىتاي رېجىمى بۇ جىنايەتلىرىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، قاتمۇقات تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈپ تارقىلىۋاتقان چەكلىك سىنلار ۋە خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرى بەرگەن خەۋەرلەر خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىقىنى پاش قىلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ