شەرقىي تۈركىستاندا ئۆلۈۋېلىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەلىرى كۆپەيمەكتە

يېقىنقى يىللاردىن بىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇش، قىرغىن  قىلىش جىنايەتلىرى سەۋەبلىك ئەسلىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى ئېغىر گۇناھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەلىرى كۆپەيگەن.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندا يەنە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ئالاقىدار ئىككى ۋەقە يۈز بەرگەن.

خىتاينىڭ ئاتالمىش «خەلق تۇرمۇشى» قانىلىدا، 17-مارت كۈنى قۇمۇل شەھىرىدىكى بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئۆلۈۋېلىشقا ئۇرۇنۇش ھەققىدىكى خەۋەر تارقىتىلغان. خەۋەردە قۇمۇل شەھىرىدە بىر ئايالنىڭ يەتتە مېتىر ئېگىزلىكتىكى دەرەخنىڭ ئۈستىدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋېلىشقا ئۇرۇنغانلىقى، ئەتراپتىكى بىخەتەرلىك خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ئايالغا نىيىتىدىن يېنىش ھەققىدە شۇنچە نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ بىراق ئايال نىيىتىدىن يانمىغانلىقى، ئاخىرى بىخەتەرلىك خادىملىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئايالنى دەرەختىن تارتىپ چۈشۈرۈپ قۇتقۇزۇۋالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي خەۋەرلىرى مەزكۇر ئايالنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى ئاشكارىلىمىغان بولۇپ، ئەمما ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق كەڭ تارقالغان مەزكۇر سىن ھەققىدە يېزىلغان ئىنكاسلاردا، دەرەختىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالماقچى بولغان ئايالنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان 39 سىكۇنتلۇق باشقا بىر سىندا، 19-مارت كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋىلايىتى يېڭى شەھەر ناھىيەسىگە جايلاشقان مەلۇم ئائىلە ئولتۇراق رايونىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقەدە بىر ئۇيغۇر ئۆسمۈر 17 قەۋەتلىك بىنادىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋېلىشقا ئۇرۇنغان. رايونلۇق بىخەتەرلىك خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ئىككى ساقچى ئالداش ئارقىلىق ئۆسمۈرنىڭ دىققىتىنى چاچقان. تامنىڭ ئارقىسىدا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان يەنە بىر ساقچى ئۆسمۈرنى ئۆزىنى تاشلىماقچى بولغان ئورۇندىن تارتىپ چۈشۈرۈۋالغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقىتىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، خىتاي بۇ رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىپ تۈرمە ۋە لاگېرلارغا سولىغانلىقىنى، سولانغان كىشىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ياكى ئايالى ئائىلىسىدە يالغۇز قالغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئائىلىسىدە يالغۇز قالغان ئۆسمۈر بالىلاردا خامۇشلۇق كېسىلى ياكى ئۆزىنى خەتەرگە ئېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەنلىكىنى، پەرزەنتلىرى بىلەن يالغۇز قالغان ئانىلار يالغۇز بىر ئائىلىنىڭ يۈكىنى كۆتۈرەلمەي پىسخىكىسىدا بىنورمال ئەھۋاللار كۆرۈلگەنلىكىنى، مەزكۇر ئۆلۈۋېلىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسىنىڭمۇ دەل خىتاينىڭ ھەر ساھەدىكى قاتتىق بېسىمى سەۋەبلىك بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 85492 قېتىم كۆرۈلدى
22/03/2022 13:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق